UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارقاڭقىللار ھەققىدىكى ئەپسانە

قاڭقىللار ھەققىدىكى ئەپسانە

ئەپسانىلار ئۇرۇشتىن كېيىن ئوغۇز خاقاننىڭ لەشكەرلىرىگە، نۆكەرلىرىگە ۋە خەلقنىڭ شۇنداق كۆپ غەنىمەتلەر چۈشۈپتىكى، ئۇنى توشۇشقا شۇنچە ئات، خېچىر، كالىلار ئازلىق قىپتۇ. ئوغوز خاقاننىڭ لەشكەرلىرى ئىچىدە ياشانغان بىر چىۋەر كىشى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى بارماقلىق يوسۇن بىللىگ ئىكەن. بۇ چىۋەر ئادەم بىر ئېگىز ھارۋا ياساپتۇ. ھارۋا ئۈستىگە جانسىز ئېگىز غەنىمەتلەرنى قاچىلاپتۇ. ھارىۋىنىڭ ئالدىغا جانلىق غەنىمەتلەرنى قوشۇپتۇ ۋە ئۇلارغا ھارۋىنى تارتقۇزۇپتۇ. نۆۋكەرلەر، ئەل _ جامائەت بۇنى كۆرۈپ ھەيران بوپتۇ. ئۇرلارمۇ ھارۋا ياساپتۇ. ئېگىز ھارۋا ماڭغاندا «قاڭغا، قاڭغا» قىلغان ئاۋاز چىقىپتۇ. شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا «قاڭغا» دەپ ئات قويۇپتۇ. ئوغۇزخاقان قاڭغالارنى كۆرۈپ كۈلۈپ: «قاڭغا بىلەن جانسىز غەنىمەتلەرنى جانلىق غەنىمەت سۆرەپ ماڭىدىكەن. ئېگىز ھارىۋىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن قانغۇلۇق ساڭا ئات بولسۇن» دەپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار