UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلار«نورۇز بۇلاق» راىۋايىتى

«نورۇز بۇلاق» راىۋايىتى

ئەپسانىلار يۇقىرىقى ژورنالدىن ئېلىندى. مەھمۇت قەشقەرى «مۇق يولى» ئارقىلىق باغداتقا ئۆتۈپ، ئۇ يەردە ئۇزۇن يىللار ئىلىم تەھسىل قىلغاندىن كېيىن، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆز يۇرتى ئوپالغا قايتىپ كېلىپ، ئازىقتا سەككىز يىل مۇددەرسلىك قىلغان ئىكەن. ئۇنىڭ نۇرغۇن تالىپلىرى بار بولۇپ، ھەر يىلى نورۇز ئېيىدا ئۆز تالىپلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ يۇرتىدىكى چەشمە بۇلاققا چىقىپ، ئۆز ئارا نورۇزلۇق، غەزەل بېيىتلار ئالماشتۇرۇشۇپ سەيلە قىلىشىدىكەن، شېئىر ئوقۇش مۇسابىقىلىرىنى ئېلىپ بارىدىكەن. تالىپلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىملىرىمۇ شۇ يەردە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ جاينىڭ نامى «نورۇز بۇلاق» دەپ ئاتىلىپتۇ. نورۇز بۇلاقنىڭ خاسىيىتى ئەتراپقا تارقىلىپتۇ. تەرەپ _ تەرەپلەردىن، يىراق شەھەرلەردىن ئىلىم تەھسىل قىلغۇچى ئۆلىمالار، تالىپلار شۇنىڭدىن بېرى بۇ جاينى «ئىلىم بۇلىقى»، «ئىلىمگە ھۆددىگەر پىرىم بۇلىقى» دەپ ئۇلۇغلاپ، «نۇرۈز بۇلاق» نى زىيارەتگاھ قىلىشىپتۇ، كېيىنكى ئۆلىما -ئالىملارمۇ ئەنە شۇ ئادەت بويىچە ئۆزلىرى تەربىيىلىگەن تالىپلارغا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئۇنىۋانى بېرىش مۇراسىمىنى مۇشۇ «نورۇز بۇلاق» تا ئۆتكۈزۈپ، ھەزرىتى موللام (مەھمۇت قەشقەرى) دىن ئىجازەت ئېلىش ئادەت بولۇپ قالغانىكەن.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار
«نورۇز بۇلاق» راىۋايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki