ئەبۇ ئېلى ئىبنى سىنا رىۋايىتى
ئەپسانىلار
سۇلتان مەھمۇتنىڭ ھەكىم ئىبنى سىنانى تۇتۇش توغرىسىدىكى پەرمانى چۈشكەندىن كېيىن، ئىبنى سىنا يۇرتىدىن ئايلىپ جورجانغا يېتىپ كەلدى. جورجان پادىشاھى قابۇسنىڭ ئالچىسىنىڭ بىر ئوغلى كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغانىدى. بۇنىڭغا داڭلىق تىۋىپلار ھەر قانچە داۋالاش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ساقىيالمىغانىدى. پادىشاھ قابۇس ئەبۇ ئېلى ئىبنى سىنانىڭ تىببى ماھارىتىنى ئاڭلاپ، مەزكۇر كېسەل يىگىتنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتى. ئىبنى سىنا كېسەلنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ، ئەزالىرىنى ھەر قانچە ئالامىتىنىڭ بارلىغىنى تاپالمىدى. ئىبنى سىنا ئويلاپ كۆرۈپ: «بۇ يىگىتنىڭ كېسىلى ئاشقى - سەۋدا ئىكەن، نۇمۇس ۋە ھايا تۇپەيلى يىگىت بۇ ھالنى يوشۇرسا كېرەك» دەپ ھۆكۈم قىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئىبنى سىنا شەھەرنىڭ پۈتكۈل كوچا - مەھەللىرىنىڭ نامىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپتۇ. ئۆزى كېسەلنىڭ تۇمۇرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، تىزىملىكنى بىر - بىرلەپ ئوقۇپتۇ. كوچا _ مەھەللىلەرنىڭ ناملىرى ئوقۇلۇپ، يىگىتنىڭ يوشۇرۇن مەشۇقىنىڭ مەھەللىسىگە يېتىپ كەلگەندە ئاغرىق يىگىتنىڭ تومۇرىدا دەرھال ئۆزگىرىش پەيدا بوپتۇ. ئارقىدى ئىبنى سىنا يەنە شۇ مەھەللىدىكى ھويلا - ئاراملارنىڭ ناملىرىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، بىر _ بىرلەپ ئوقۇشقا باشلاپتۇ. مەشۇقىنىڭ ھويلىسىنىڭ نامى چىققاندا بۇ يىگىتنىڭ تومۇرىدا تېخىمۇ ئۆزگىرىش بوپتۇ. ئۈچىنچى نۆۋەتتە ھەكىم ئىبنى سىنا مەزكۇر ھويلىدىكى ئادەملەرنىڭ ئىسملىرىنى نەپسىلى ئوقۇشقا باشلاپتۇ. دەل مەشۇقىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغاندا يىگىتنىڭ تومۇرى ناھايىتى جىددىي سوقۇشقا باشلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ ئېلى ئىبنى سىنا قابۇس شاھقا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ: بۇ ئاغرىق يىگىت پالانى مەھەللە، پالانى سارايدىكى پۇكۇنى ئىسىملىك بىر قىزغا ئاشىق ئىكەن. شۇڭا بۇ ئاغرىقنىڭ بىردىن _ بىر داۋاسى ئاشۇ قىزنىڭ ۋىسالىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپتۇ. قابۇس شاھ بۇ ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن ئىبنى سىنانىڭ ھۆكىمى پۈتۈنلەي راست ۋە مۇۋاپىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلىرىنىپتۇ. شۇندىن باشلاپ ئىبنى سىنانىڭ نام _ شۆھرىتى پۈتكۈل جورجفن ئېلىگە يېيىلىپتۇ ھەمدە ئۇ قابۇس شاھنىڭ ئالى مەجلىسىگە تەكلىپ قىلىنىدىغان بوپتۇ.