UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارسۇ مۇ ئەككىلى خۇببى يىگىت ئەپسانىسى

سۇ مۇ ئەككىلى خۇببى يىگىت ئەپسانىسى

ئەپسانىلار بۇ ئەپسانە غۇلاموپنىڭ «خارەزىمنىڭ سۇغۇرۇلۇشى» دېگەن كىتابىدىن ئېلىنىدى. تاشكەنت 1959 - يىل نەشرى. پەرىدون ھەتتا جەمشىت پادىشاھ بولۇشتىن كۆپ زامانلار ئىلگىرى ئامۇ دەرياسىدا بىر يىگىت ياشايدىكەن. بۇ يىگىت دەريالارنىڭ ھاكىمى بولۇپ، ئۇ بىر قولى بىلەن بېلىقنى تۇتۇپ ئالىدىكەندە، ئۇنى قۇياشقا قاقلاپ پىشۇرۇپ يەۋېرىدىكەن. ئۇ يەتتە يۈز يىل داۋامىدا ئامۇ دەرياسىدا ياشاپتۇ. بۇۋاقىت ئىچىدە ھېچقانداق ياۋۇز جان دەرياغا يېقىنلىشالمىغان ھەتتا ئۇ ۋاقىتتا چىۋىنلەرمۇ بولمىغانىكەن. جەمشىت تەختكە ئولتۇرغاندىن باشلاپ خۇببى يىگىت دېرەكسىز غايىپ بولۇپ كېتىپتۇ... خۇببىنىڭ ئانىسى مىڭ يىلدىن بۇيان ئۇنىڭغا ھازا تۇتۇۋېتىپتۇ. ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ دەريا، سەھرا، تاغ ۋە قىيالارمۇ يىغلاپ ھازا تۇتۇپتۇ. خۇببى تىرىكمىش، ئۇ قىيامەتكىچە ياشايدىكەن. ئۇ ئىنسانلارغا نىجاتلىق بېرىدىكەن... مانا مۇشۇنداق بىر كۈچ بۇ دەريالارغا ھامىلىق قىلدىكەن.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار