ئەپراسياپ ھەققىدە رىۋايەت
ئەپسانىلار
بۇ رىۋايەت مەھمۇت قەشقەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» دىكى مەلۇماتلارغا ئاساسەن رەتلەنگەن.
ئەپراسىياپ پەردۇنىنىڭ تۇر ئىسملىك ئوغلىنىڭ نەۋرىسى ھوشەڭنىڭ ئوغلىدۇر.
ئەپراسىياپنىڭ مەركىزىي شەھىرى قەشقەر ئىدى بۇ شەھەرنىڭ ھاۋاسى ياخشى بولغىنى ئۈچۈن ئۇ كۆپىنچە قەشقەردە تۇراتتى. ئۇنىڭ قوز ئىسملىك گۈزەل قىزى قەزۋىن قاتارلىق شەھەرلەنى بىنا قىلغان. قەزۋىن _ قوز سۆزىنىڭ ئۆزگەرگىنىدۇر. ئىلى ۋادىسىغا قاراپ ئاقىدىغان چوڭ سۇنىڭ قوز سۈييى دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبىمۇ ئەپراسياپنىڭ قىزى قوزنىڭ شۇ سۇ بويىغا چوڭ قەلئە سالغىنى ئۈچۈندۈر. بوختە نەسىرنىڭ ئوغلى باتىزات شۇ قىز بىلەن يوشۇرۇن ئالقىدا بولغىنى ئۈچۈن ئەپراسىياپ ئۇنى چاروق دېگەن شەھەرگە قامىغان ئىدى. بەزىلەر بۇ شەھەرنى ئەپراسياپنىڭ مەرو شاھ جاھان دېگەن ئوغلى بىنا قالغان دېيىشىدۇ.