قىپچاق ھەققىدىكى ئەپسانە
ئەپسانىلار
بۇ ئەپسانە خىۋە خانى ئوبۇلقاسىم باھادىرخاننىڭ «شەجەرەئى تۈرك» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوغۇزخان سىر دەريا بويىدا بولغان بىر جەڭدە قايتىپ كەلگەندە، ئۆزىنىڭ باتۇر بەلگىلىرىدىن بىرىنىڭ ئېغىر ئاياق بولغان خوتۇنى ئىزسىز يوقىلىپ كېتىپتۇ . ئوغۇزخان شۇ خوتۇننى تاپتۇرۇش ئۈچۈن جەڭ بولغان جايغا ئادەم ئەۋەتىپتۇ. ئوغۇزخان ئەۋەتكەن ئادەملەر سىر دەريا بويدىكى بىر قېلىن ئورمانلىقتىن يوقالغان خوتۇننى تېپىشىپتۇ. ئېغىر ئاياق خوتۇن ئىچى كاۋاك بىر چوڭ دەرەخنىڭ ئىچىدە بىر ئوغۇل توغقانىكەن. خوتۇننى شۇنداق ئەھۋال ئاستىدا تاپقان ئادەملەر ئۇنى بوۋاق بىلەن بىللە ئوغۇزخاننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇ. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئوغۇزخان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا «قىپچاق» دەپ ئات قويۇپتۇ. «قىپچاق» سۆزى «قىسىلچاق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن. ئىچى كاۋاك دەرەخنىڭ قىسىلچىقىدا توغۇلغان ئوغۇلغا شۇنداق ئات قويغانىكەن.