قارلۇق ھەققىدىكى ئەپسانە
ئەپسانىلار
ئوغۇز خاقان بىر چىپار ئايغىر ئاتقا مىنىدىكەن. ئۇ بۇ ئايغىرنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەن يولدا بۇ ئايغىر كۆزدىن يۈتۈپتۇ. ئۇ يەردە ئېگىز بىر تاغ بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىدە توڭ مۇزلار، چوققىسىدا ئاپپاق قارلار بارىكەن. شۇڭا بۇ تاغ مۇز تاغ دەپ ئاتىلىدىكەن. ئوغۇزخاقاننىڭ ئېتى مۇز تاغ ئىچىگە كىرىپ كېتىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوغۇزخاقان ئۇزۇنغىچە ئازاپ چېكىتۇ. لەشكەر ئىچىدە بەستلىك ۋە تەمبەل بىر ئەر بار بولۇپ، ئۇ ھېچنىمىدن قورقماس باتۇر ئادەم ئىكەن. بۇ ئادەم ئاتنى ئىزدىگىلى تاغقا كىرىپتۇ. توققۇز كۈندىن كېيىن ئوغۇز خاقانغا ئايغىرنى ھازىر قىپتۇ. مۇز تاغ ئىنتايىن سوغ بولغاچقا، بۇ بەگنىڭ پۈتۈن ئەت _ يانىنى قار _ مۇز قاپىلىغانىكەن. ئوغۇز خاقان خورسەن بولۇپ: «ھوي، سەن بەگلەرگە بولغىن باشلىق، مەڭگۈلۈك ئىسمىم بولسۇن ساڭا قارلۇق» دەپتۇ.