كىرۇرەن شەھىرىنى كىم تاپقان؟
ئەپسانىلار
(بۇ رىۋايەت «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» 1984 - يىل 17 - ئاپرىل سانىدىن ئېلىندى.)
مىلادى 1900 - يىلى شۋېتسىيە ئېكىسپىدىتسىيىچىسى سىۋىن ھىدىن ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىملىق شىنجاڭغا قىلغان سەپىرىدە لوپنۇر رايونىغا كەلگەن. ئۇنىڭغا ئېرتىك (ئارتىق) ئىسملىك بىر ئۇيغۇر يولباشلىغۇچى بولۇپ، لوپنۇر كۆلى ئەتراپلىرىنى تەكشۈرۈشكە ماڭىدۇ. يولدا ھاۋا بەك ئىسىپ كەتكەچكە، تۇلۇمغا قاچىلانغان مۇز ئېرىپ كېتىپ، ئېقىپ تۈگەشكە باشلايدۇ. ئۇلار چۆل _ جەزىردە ھالاك بولماسلىق ئۈچۈن، بىر نەچچە تۈپ توغراق ئۆسكەن ئويمانلىقتىن قۇدۇق كولاپ سۇ چىقارماقچى بولۇشىدۇ. بىراق ئۇلار قۇدۇق كولۇغىدەك بىرەر قورال _ سايمان ئېلىۋالىمىغانىكەن. ئاخىرى ئېرتىك يولدىن ئادىشىپ قالىدۇ. ئىككىنچى كۈنى ئۇ ئېگىز بۇت مۇنارسى بار تىلسىملىق قاتمۇ _ قات خارابلىققا دۇچ كېلىدۇ. سوتكىلاپ بىر تېمىم سۇ ئىچمىگەن ئېرىتىك مىڭبىر تەسلىكتە نىشاننى تېپىپ، كۆزلىگە مەنزىلگە يېتىپ كېلىدۇ. قۇدۇق قازىدىغان سايماننى ئېلىپ ئاخىرى ھەمرالىرىنى تېپىپ، سىۋىن ھىندىنغا يولدا كۆرگەن كارامەتلىرىنى تەپسىلى سۆزلەپ بېرىدۇ. بۇنى ئاڭلىغان سىۋىن ھىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ تەكشۈرمەكچى بولغىنى دەل مانا شۇ كىرورەن شەھىرى خارابىسى ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئېرتىكىنىڭ يولباشچىلىقىدا بۇ تىلسىملىق خارابىلىققا كېلىپ تەكشۈرۈپ، تېخى ھېچكىمگە مەلۇم بولمىغان مىڭ يىللار داۋامىدا غەپلەتتە ياتقان قەدىمىي كىرورەن شەھىرىنى تاپىدۇ. سىۋىن ھىدىن شۇڭا «ئېرتىكنىڭ قۇدۇق كولايدىغان سايماننى ئىزلەپ مېڭىشى، بىز ئۈچۈن بەخت _ تەلەي ئېلىپ كەلدى. ئۇ، قۇدۇق كولايدىغان سايماننى ئىزلەپ ماڭمىغان بولسا، ئاسىيانىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تارىخىنى يورۇتقان بۇ مۆجىزىنىڭ تېپىلىشى ئېھتىمال ھازىرغىچە مۈمكىن بولماس ئىدى» دېگەن.