قارلىغاچ
ئەپسانىلار
بۇ ئەپسانە نەسىردىن بۇرھاندىن ئوغلى راپغۇزىنىڭ «قىسەئى راپغۇزى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.
كېمە ئىچىدە ئىككى نەرسە يوق ئىكەن، بېرى چاشقان، بىرى قوڭغۇزخان. لېكىن كېمە ياغىچى ئارىسىدا چاشقان پەيدا بوپتۇ، كېمىنى تېشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كېمىگە سۇ چىقىپ كېتىپتۇ. خالايىقلارغا غەرق بولماق خەۋپى ئايان بوپتۇ. سۇ ئىچىگە نەچچە كىشى شۇڭغۇپ كېمىنىڭ تۆشۈكىنى تاپالماپتۇ.
نوھ ئەلەيھىسسالام: «قايىسى جانۋار بۇ تۆشۈكنى تاپسا ئۇنىڭ ھەر قانداق تەلىپىنى مەن بىجا كەلتۈرەي» دەپتۇ. يىلان: «مەن ئۇ تۆشۈكنى تاپاي» دەپتۇ. «نېمە تەلەپ قىلىسەن؟» دەپتۇ نوھ، «ماڭا تاتلىق ئەت (گۆش) كېرەك» دەپتۇ يىلان. نوھ قوبۇل قىلىپتۇ. يىلان سۇغا كىرىپ تۆشۈكنى تېپىپتۇ. كولچا (ھالقىدەك يۆگىلىپ) بولۇپ يېتىپتۇ، سۇنى كىرگىلى قويماپتۇ. كېمىگە كىرىگەن سۇنى تۆكۈپ چىقىرىپتۇ. يىلان توسۇپ تۇرغان تۆشۈكنى موم بىلەن بېكىتىپتۇ. كېيىن سۇ سىڭىپ توپان بالاسى يوقالغاندىن كېيىن يىلان كەپتۇ: «ۋەدە بويىچە كەلدىم» دەپتۇ.
نوھ ئەلەيھىسسالام پاشىغا: «يەنە يۈزىگە بارغىن. نېمىنىڭ ئېتى (گۆش) تاتلىق بولسا، خەۋەر قىل، يىلانغا بېرەيلى» دەپتۇ.
پاشا كېتىپتۇ، كەچ قاپتۇ. يىلان يەنە سۈرۈشتە قىپتۇ.
نوھ ئەلەيھىسسالام شەرمەندە بولۇپ قالغاچقا: «بارغىن، پاشىنى تېپىپ كەلگەيسەن» دەپتۇ.
قالىغاچ بېرىپ پاشىنى تېپىتۇ ۋە : «نېمە ئۈچۈن كەچ قالدىڭ؟» دەپ سوراپتۇ. «يەر يۈزىنى ئايلىنىپ بولغۇچە كەچ قالدىم» دەپتۇ پاشا. قارلىغاچ: «تالىق ئەتنى تاپتىڭمۇ؟» دەپ سوراپتۇ. «تاپتىم، ئادەمنىڭ ئېتىدىن تاتلىقراق ئەت كۆرمدىم» دەپتۇ پاشا. قارلىغاچ: «ئۇ ئەتنىڭ تەمى ھېلىمۇ ئاغزىڭدا باردۇر، مەن ئۇنىڭ تەمىنى تېتىپ كۆرەيچۇ» - دەپتۇ. پاشا ئاغزىنى ئېچىپتۇ، قارلىغاچ تۇمشۇقى بىلەن بىر چوقۇپتۇ، پاشىنىڭ تىلى ئۈزۈلۈپتۇ، ئىككىسى تالىشىپ نوھقا كەپتۇ. نوھ پاشىدىن خەۋەر سوراپتۇ. پاشا قاتتىق - قاتتىق گىڭشىپتۇ.
قارلىغاچتىن سوراپتۇ: «بۇ نېمشقا سۆزلىمەيدۇ؟» قارلىغاچ: «بۇ ماڭا يولدا خەۋەر بەردى. كەچ قالغىنىغا سىزدىن خىجىل بولۇپ سۆزلىمەيۋاتىدۇ. ئۇ ماڭا: يولدا جىمىكى جانۋارلارنىڭ ئېتىنى تېتىپ كۆرۈدۈم، قۇر پاقا ئېتىدىن تاتلىقراق ئەت كۆرمىدىم دېدى» دەپتۇ.
نوھ ئەلەيھىسسالام پاقىنىڭ ئېتىنى يىلانغا تەيىن قىپتۇ. قىيامەتكىچە يىلاننىڭ رىسقى پاقىنىڭ ئىتى بوپتۇ. شۇ كۈنى قارلىغاچ ئۇ ياخشىلىقىنى قىلمىغان بولسا ئىدى، ئادەمزات ئوغلانلىرى يىلانىڭ رىسقى بولار ئىكەن.
شۇندىن باشلاپ ئادەمزات قارلىغاچنى ئۇلۇغلايدىغان بولغانىكەن.