«ئون ئۇيغۇر» ۋە «توققۇز ئوغۇز» رىۋايىتى.
ئەپسانىلار
بۇ رىۋايەت خىۋەخانى ئۇبۇلغازىنىڭ «شەجەرەئى تۈرك» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.
موڭغۇل يۇرتىنىڭ كۈنپېتىشىدا بىر تاغ بار بولۇپ، ئۇ «قۇت تاغ» دىيىلىدىكەن. بۇ تاغنىڭ بىر تەرىپىدە ئون ساي، يەنە بىر تەرىپىدە توققۇز ساي بار بولۇپ، ھەممىسىدە ئۇلۇغ سۇ ئاقىدىكەن. ئۇيغۇرلار ئېلى ئەنە شۇ سايلارنىڭ ئارىلىرىغا جايلاشقان بولۇپ، ئون ساي تەرەپتە ئولتۇراقلاشقانلىرى ئۆزلىرىنى «ئون ئۇيغۇر» دېسە، توققۇز سايدا ئولتۇراقلاشقانلىرى ئۆزلىرىنى «توققۇز ئوغۇز» دەپ ئاتايدىكەن. ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى ئاۋات، ئېتىز _ يايلاقلىرى كەڭ ۋە مۇنبەت ئىكەن. ئۇلار بىر يۈز يىگىرمە ئۇرۇقنى تەشكىل قىلىدىكەن، ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇپ، بىر پادىشاھلىققا بىرلەشمىگەن ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئارىسىدا ئىتتىپاقسىزلىق تۇغۇلۇپ، قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىشكە باشلاپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلار يىغىلىپ مەسلىھەتلىشىپتۇ: بىز ئىككىگە بۆلۈنگەن ئەلمىز، ھەرقايسىمىز بىر كىشىنى «توغران» (خان) قىلايلى، كىمكى ئۇنىڭ سۆزىگە كىرمىسە شۇ كىشى مال _ مۈلۈك، ھەتتا بېشىدىن ئايرىلىسۇن ، دېيىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئون ئۇيغۇرلار «مەڭگۈ باش» ئاتلىق كىشىنى توغران قىلىپ كۆتىرىپ، «ئەل ئېلتەر» دەپ نام بېرىپتۇ. توققۇز ئوغۇزلار يەنە بىر كىشىنى توغرانلىققا كۆتىرىپ، «كۆل ئەركىن» دەپ نام قويۇپتۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ ئوغلانلىرى يۈز يىللارچە توغرانلىق قىپتۇ ۋە كۆپ يىللارغىچە خاننىڭ نامى شۇ تەقلىتتە يۈرگۈزۈلۈپتۇ. كېيىنرەك ئۇلاردىن كىم توغران بولسا، شۇ كىشىنى «ئىدىقۇت» دېگەن نام بىلەن ئاتايدىغان بوپتۇ.