UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلار«تەكلىماكان» ئەپسانىسى

«تەكلىماكان» ئەپسانىسى

ئەپسانىلار بۇ ئەپسانىنى 1978 - يىلى لوپنۇر ناھىيىسىدىن ئۇزۇن مەممەت ئېيتىپ بەرگەن بولۇپ، شۇ ئاساستا رەتلەندى. «پەرھات ئۆستىڭى» بىر قانچە تارماق ئېقىنلار بىلەن قوشۇلۇپ، ناھايىتى ئۇلۇغ سۇ ھاسىل قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ چوڭ دەريا ئېقىنى بويلاپ چەكسىز كەتكەن ئورمانلار، چىمەنزار يايلاقلار، سۈت _ سۈزۈك كۆللەر بارلىققا كەپتۇ. كەتەك شەھىرى، ئاق شەھەر، توپا شەھەر، ۋات شەھىرى قاتارلىق ئونلىغان ئاۋات شەھەر بىنا بولۇپ، خەلقلىرى كۆپىيىپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر ئوۋچى بوۋاي بۇ شەھەردىن چەت بىر باياۋانغا ئوۋغا چىقىپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، بىر دۆڭنىڭ يېنىدا بىر قانچە تۈلكە ياپ _ يېشىل ئۆسكەن شاخلار ئۈستىدە بىر نەرسە يەۋاتقانىكەن. ئوۋچى تۈلكىنى ئېتىپتۇ. تۈلكىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئوۋچى ھەيران قاپتۇ: شاخلىرى مەجنۇنتالغا ئوخشاش بىر - بىرىگە چىرمىشىپ كەتكەن تىلسىملىق دەرەخنىڭ شاخلىرى مەجنۇنىڭ شاخلىرىدا مەرۋايىتتەك تىزىلىپ تۇرغان يۇمۇلاق نەرسىلەرگە كۆزى چۈشۈپتۇ. تۈلكە ئەنە شۇنى يەۋاتقانىكەن. ئوۋچى بوۋايمۇ «بۇ قانداق نەرسىدۇر» دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭدىن بىر تال ئۈزۈپ ئاغزىغا سالغانىكەن، ھەسەلدىنمۇ تاتلىق تېتىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن خورجۇنغا ئۇنى لىق قاچىلاپ، يۇرتىغا قايتى كەپتۇ. ئۇرۇق _ ئەۋلادلىرى بىلەن تويغىچە يەپتۇ. ئىككىنچى يىل بوۋاينىڭ ئۆيى ئەتراپىدا ئاشۇ خىل مەجنۇنتال ئۈنۈپ چىقىپتۇ. بوۋاي بۇ خاسىيەتلىك ئۆسۈملۈكنى ئاسراپ پەرۋىش قىپتۇ. ئارىدىن ئۈچ - تۆت يىل ئۆتكەندە ئۇ مېۋە بېرىپتۇ. بوۋاينىڭ بۇ خاسىيىيىتى ئەل - يۇرتقا تارىلىپتۇ. دەريا بويىدا ياشىغۇچى تۈمەنلىگەن كىشىلەر ئۆيلىرىنىڭ ئەتراپىغا باغ ياساپ، مۇشۇ خاسىيەتلىك كۆچەتنى ئۆستۈرۈپ، مىسلىسىز جەننەت قۇرۇپتۇ. يۇرت - جامائەت جەم بولۇپ بۇ دەرەخقە «تەك» دەپ نام بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ پايانسىز يۇرتلارنىڭ ئىسمى تەكلى ماكان يەنى تەكلىك ماكان (يۇرت) دەپ ئاتىلىپ، تەك (ئۈزۈم) نىڭ ئەسلى ماكانى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالەمگە داڭقى يېيىلىپتۇ. ھازىرمۇ كىشىلەر بۇ جاينى «تەكلىماكان» دەپ ئاتايدىكەن.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار