UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلار«ھەزرىتى موللام» مازىرى

«ھەزرىتى موللام» مازىرى

ئەپسانىلار «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 1983 - يىل 2 - سانىدىن ئېلىندى. «ئازىق دارىسى» نىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدە بىر قىزىل تاغ بار بولۇپ، ئۇ تاغنىڭ ئالدى تەرىپىدە «ئەجدىھا ئۇۋىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئۆڭكۈر بار ئىكەن، يېتۈك موللام مەھمۇتنىڭ دەۋرىدە شۇ ئورۇندا ئەجدىھا بار بولۇپ، ئۇ دائىم موللام بېغى كەنتىنىڭ خەلقى ۋە مال _ ۋارانلىرىنى دەم تارتىپ يۇتۇپ كېتىپ، يۇرتقا ۋەھىمە سالىدىكەن. پۇقرالار ئېتىز _ ئېرىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنالمىغانلىقتىن، ئۇلار يۇرت ئۆلىماسى تەلەپ قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن موللام ئۆز خەلقىنى ئەجدىھانىڭ ھالاك قىلىشىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىككى يېنىغا ئىككى تال قىلىچنى باغلاپ ئەجدىھاغا تاقابىل تۇرماق بوپتۇ. ئەجدىھا دەم تارتقاندا موللامنىڭ ئىككى يېنىغا باغلانغان قىلىچ ئەجدىھانىڭ ئىككى جاۋغىيىنى تىلىپ ئىككى بۆلەك قىلىپ، ئۇنى ھالاك قىپتۇ. موللاممۇ ئەجدىھانىڭ زەھىرى تەسرىدىن ۋاپات بوپتۇ. بۇ تاغ شۇنىڭدىن باشلاپ «ھەزرىتى موللام تېغى» دەپ ئاتىلىپتۇ. ئەجدىھانىڭ خەتىرىدىن قۇتۇلغان يۇرت خەلقى ئۆزىلىرىنىڭ بۇ دانىشمەن ئالىمىنى ئۇلۇغلاپ، ئۇنى مۇشۇ يەرگە دەپنە قىپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ، بۇ چوڭ مازارنى «ھەزرىتى موللام مازىرى» دەپ ئاتاپ، نەچچە ئەسىدىن بۇيان بۇ ئۇلۇغ مازارنى تاۋاپ قىلىپ كەپتۇ. بۇ مازارنىڭ ئەتراپلىرى ئالىمنىڭ شەرىپىگە «ھەزرىتى موللام بېغى» دەپ ئاتىلىدىكەن. كېيىنكى زامانلاردا «ھەزرىتى موللام مازىرى» نىڭ نامىنى تېخىمۇ تولۇقلاپ، «ھەزرىتى مەۋلانە شەمسىددىن ئەللام مەھمۇدىيە» دەپ ئاتاشقانىكەن.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار