ئەسھابۇلكەف (قاف) - (غار كىشلىرى)
ئەپسانىلار
ئەسھابۇلكەف - تۇرپاندىكى بىر مازارنىڭ نامى. بۇ ئەپسانە خەلق ئارىسىدىكى «دەقىيانۇستىن قالغان» دېگەن ئەنئەنىۋى تەمسىلنىڭ ئېتمولۇگىك كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن يارىتىلغان. ئەسلىدە مەزكۇرنام قەدىمكى رىم ئىمپېراتورى دىئاكلېتئون بىلەن باغلىنىدۇ. دىئاكلېتئون بېسىۋالغان جايلاردا خىرىستىيان دىنىدىكى كىشىلەرنى قىرغىن ئاستىغا ئالغان. ئەنە شۇ جانلىق ھاياتىي توقۇنۇش مەزكۇر ئەپسانىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەب بولغان.
دەقىيانۇس زالىملىق بىلەن نام چىقارغان، دىنغا كىرمىگەنلەرنى شەپقەتسىز جازالىغان ئىكەن. ئۇنىڭ غەزىپىدىن قورققان سەككىز كىشى ھەمدە بىر ئىت غارغا يوشۇرۇنۇۋالغان ۋە بۇ غار ئىچىدە ئۇيقۇغا كەتكەن ئىكەن. ئۇلار شۇ ئۇخلىغانچە ئۈچ يۈز يىلدا ئويغىنىپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلانىڭ بىرى يانچۇقلىرىدا قالغان تەڭگىلەرنى يىغىپ، ئوزۇق - تۈلۈك سېتىۋالماقچى بولۇپ بازارغا بېرىپتۇ ۋە بىر ناۋايدىن نان ئالماقچى بوپتۇ. لېكىن ئۇلار بىر بىرىنىڭ گەپلىرىنى ئۇقۇشماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تەسلىكتە بىر تىلماچ چاقىرىپ كەپتۇ. تىلماچ ناۋاينىڭ سۆزىنى ئۆرۈپ:
_ بۇ دەقميانۇستىن قالغان پۇل ئىكەن، ئەمدى ئۆتمەيدۇ، _ دەپتۇ.