«ئۆزبەك» نىڭ پەيدا بولۇشى
ئەپسانىلار
(3) بۇ رىۋايەت «تارىخىي ھەمدى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
چىڭگىزخاننىڭ بىرىنچى ئوغلى جوجىخان بولۇپ، ئۇنىڭ ئون سەككىز ئوغلى بار ئىدى. بۇ ئوغۇللارنىڭ ئالتىنچىسىنىڭ ئىسمى شەيبانى ئىدى. ئۇ كېيىن خان بولدى. شەيبانىخان ئۆزىنىڭ تۆتىنچى نەۋرىسىگە «ئۆزبەك» دەپ ئات قويدى. ئۆزبەك چوڭ بولغاندا ئەمر بولۇپ، پەرغانە ۋىلاريىتى ۋە ماۋرا ئۇننەھىر شەھىرىگە ئىستىلا قىلىپ، ئەللىك تۆت يىل ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزدى. ئۇنىڭ دەۋرىدە ئادالەت ئورنىتىلىپ، پۇقرالار كۆپ راھەت كۆرىدى. شۇ سەۋەپتىن خەلق ئارىسىدا ئۆزبەك دېگەن نام ساقلىنىپ قالدى. ئۆزبەك خاننىڭ كېيىنچە ئۇرۇق _ ئەۋلادى كۆپيىپ، شۇندىن باشلاپ ئۇلار ئۆزلىرىنى «ئۆزبەك» دەپ ئاتايدىغان بولدى.