نوھنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ياپەس ھەققىدىكى ئەپسانە
ئەپسانىلار
ياپەس شەرق ۋە شىمال تەرەپتە ئېدىل، ئېرتىش دەريالىرى بويلىدىدا ۋەتەن تۇتۇپتۇ. ئۇ ئوبدان قائىدە ۋە رەسمىي يوشۇنلارنى پەيدا قىپتۇ ۋە چىن ئېلىدە بىر شەھەر بىنا قىپتۇ. تەڭرى ياپەسكى ئون بىر پەرزەنت بېرىپتۇ. ئۇلار چېن، ساقلاپ، گومارى، تۈرك، خەلەج، خەرز، رۇس، سەدىسان، غەربا، رۇج، مەنسەخ دېگەن ناملار بىلەن ئاتلىپتۇ ۋە ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئۆز ئەۋلادىدىن بىردىن قىز ئېلىپ بېرىپتۇ. «يۇرتنى ئاۋات - مەمۇر قىلىڭلار، بەندىلەرگە ئوبدان تەربىيەت قىلىڭلار، ئۇلار كۆپەپسۇن» دەپ ۋەسىيەت قىپتۇ. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا تۈرك باشچى بوپتۇ. بۇ ناھيىتى غەيرەتلىك، مەردانە، ھۈنەرۋەن، ئەققىللىق ئىكەن. ئۇ ئەتراپنى سەيلە قىلىپ بىر. كىچىك دەريا بار جايغا بېرىپتۇ. ئۇ يەر «سەيلۈك» دەپ ئاتلىدىكەن. ئۇ يەردە بۇلاقلا ئاقار سۇلار، تۈرلۈك قۇشلار كۆپ ئىكەن. تۈرك بۇ جاينى خالاپ، شۇ يەردە ۋەتەن تۇتۇپ. گىيا _ قۇمۇشلاردىن ئۆي ياساپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن چېدىر - بارگاھ قۇرۇلۇشىنى پەيدا قىپتۇ. مال _ چارۋىلارنىڭ تېرىسىدىن تون، تۇماق تەييارلاپ كىيىپتۇ. تۈرك ئادالەتلىك ۋە شەپقەتلىك پادىشاھ ئىكەن. پۇقرالارنىڭ ئۆز ھىمايىسىگە ئېلىپ، تەربىيەت قىلىشتا زادى بوشاڭلىق قىلمايدىكەن. ئۇنىڭ ئوبدان بالىلىرى بار ئىكەن. بىرىنىڭ ئىسمى «پۇدەك» ئىكەن. پۇدەك شىكارغا ئامراق ئىكەن.بىرىنىڭ ئىسمى «پۇدەك» ئىكەن. ئۇنىڭ ئوبدان بالىلىرى بار ئىكەن. بىر كۈنى چۆل _ جەزىرىدە گۆش قولىدىن يەرگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئۇنى ئېلىپ ئاغزىغا ساپتۇ. بۇ گۆشنىڭ بەك لەززەتلىك ئىكەنلىكىنى سېزىپتۇ. شۇندىن كېيىن تاماقنى تۇز بىلەن يىيىشنى ئادەت قىپتۇ. بۇندىن ئىلىگىرى تۇزنى بىلمەيدىكەن. ياپەسنىڭ يەنە بىر ئوغلى خەرز شىمالدىكى يەرلەردىن ئۆتۈپ دەريا لېۋىگە بېرىپتۇ. ئۇ يەرنى ئۆزىگە مۇناسىپ كۆرۈپ، شۇ يەردە ۋەتەن تۇتۇپتۇ. پەزەنتلىرى بىلەن تۈلكە، سۈلەيسۇن... لەرگەر شىكار قىلىپ، تېرىسىنى ئىگىن قىلىپ كىيىپتۇ. خەرز ھايات ۋاقتىدا بالىلىرىدىن بىرى سۇدا غەرق بوپتۇ. «سۇنىڭ قارشىسى ئوت ئىكەن» دەپ كۆپ ئوتۇن توپلاپ، قەۋم - جامائەتلىرىنى توپلاپ، داپ، تەمبۇر قاتارلىق نەغمە سايمانلىرىنى تەييارلاپ، نەغمە ساز بىلەن بالىسىنىڭ جەسىدىنى ئوتتا كۆيدۈرۈپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى تاغنىڭ تۆشۈكلىرىدىن ھەسەل تېپىپ ئېلىپ، ئۇنىڭدىن ھالۋا ئېتىشنى پەيدا قىپتۇ.