رۇستەم ئەپسانىسى
ئەپسانىلار
بۇ ئەپسانە «ئۆزبېك خەلق ئاغزاكى پوئېتىك ئىجادى» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى. تاشكەنت 1980 - يىل نەشرى.
«رۇستەمى داستان» دا مۇنداق ھېكايە قىلىدۇ: «شۇنداق قىلىپ رۇستەم دىۋىلەرنى قوغلاپ شەھەر دەرۋازىسىغىچە بېرىپتۇ. كۆپ دىۋىلەر ھالاك بوپتۇ. قالغانلىرى شەھەر ئىچىگە كىرىۋېلىپ، دەرۋازىنى بېكىتىۋاپتۇ. رۇستەم ئۇلۇغ غەلىبە بىلەن قايتىپتۇ. ئۇ بىر ئوتلاق يايلاۋدا توختاپتۇ. ئېتىنى ئوتلاش ئۈچۈن قويۇپ بېرىپ، ئۆزى ئاستا ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. رۇستەمدىن يېڭىلگەن سان - ساناقسىز دىۋىلەر جەڭنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ، دەرۋازىنى ئېچىپ رۇستەمنىڭ ئارقىسىغان چۈشۈپتۇ. ئۇلار ئات _ ھارۋىلارغا، پىل، چوشقا، تۈلكە، ئىت، يىلانلارغا مىنىپ، بىر قانچىسى پىيادە، يەنە بىر قانچىسى قۇشتەك ئۇچۇپ ھەيدەپ كېلىشكە باشلاپتۇ. بۇنى كۆرگەن رەخش ئوتلۇق نەپىسى بىلەن رۇستەمنى ئويغىتىپتۇ. رۇستەم ئويغىنىپ قاپلان تېرىسىدىن قىلىنغان كىيىمنى كىيىپتۇ ۋە ئېتىنى سوراپتۇ. رەخش: ھەزرىتىم، دىۋىلەر ئوتلاقنى قاپلاپ كەتتى. ئات شۇ يەردە، دەپتۇ. رۇستەم رەخشنىڭ ئۈستىگە مىنىپ دىۋىلەرگە تاشلىنىپتۇ. غەزەپ بىلەن شىردەك ھۆركىرەپتۇ دىۋىلەر قورققىنىدىن ئارقىسىغا قارىماي قېچىشقا باشلاپتۇ».