خارەزىم ھەققىدە رىۋايەت
ئەپسانىلار
بۇ رىۋايەت تولسىتوينىڭ «قەدىمكى خارەزىم مەدىنىيىتىنى ئىزلەپ» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.
قەدىم زاماندا شەرقنىڭ پادىشاھى ئۆزىنىڭ يېقىن خىزمەتچىلىرىدىن تۆت يۈز كىشىنى جازالاپ، ئۇلارنى ئىنسان ياشايدىغان جايدىن يۈز پەرسەخ (پەرسەڭ) (پەرسەخ - تارىختا تەخمىنەن يەتتە _ سەككىز كىلومېتىرغا تەڭ ئۇزۇنلۇق مۇساپە ئۆلچىمى.) نېرىغا ھەيدەپ چىقىرىۋېتىپتۇ. ئۇزاق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن پادىشاھ ئۇ جايغا سۈرگۈنلەرنىڭ ھال _ ئەھۋالىنى بىلىش مەقسىتىدە ئادەم ئەۋەتىپتۇ. پادىشاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بۇ كىشىلەر سۈرگۈنلەرنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ قانال قېزىپ چۆلگە سۇ باشلاپ، تېرىقچىلىق ۋە بېلىقچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، ئوت _ چۆچلىرى يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىپتۇ. پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ: «ئۇلار گۆشىنى نېمە دەپ ئاتىشىدىكەن؟» دەپ سوراپتۇ. «خار» دەپ جاۋاب بېرىشىپتۇ ھېلىقى كىشىلەر. «ئوتۇننىچۇ؟» دەپ سوراپتۇ پادىشاھ. «رەزىم» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئۇلار. پادىشاھ بۇ جاۋابلارنى ئاڭلاپ شۇنداق دەپتۇ: «ئۇنداق بولسا، بۇ جاينىڭ نامى بۇنىڭدىن كېيىن (خارەزىم) دەپ ئاتالسۇن.»