نوھنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ھام ھەققىدىكى ئەپسانە
ئەپسانىلار
ھام ئالەمنىڭ جەنۇپ تەرىپىگە بېرىپ دەريايى مۇھىتنىڭ ساھىلىلىرىدا ۋەتەن تۇتۇپتۇ. ئۇ توققۇز پەرزەنت كۆرۈپتۇ. بۇلار ھىند، سىند، نوبە، كەنئان، نىزەنج، كۇش، قىيتى، بەربەر، ھەبەش دەپ ئاتىلىپتۇ. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئون سەككىز خىل تىل بىلەن سۆزلىشىدىكەن. ئۇلار كۆپ شەھەر ۋە ئىمارەتلەرنى بىنا قىپتۇ.