زارىئادىر ۋە ئاداتىدا قىسسى
ئەپسانىلار
مىدىيا شاھى گىستاسىپنىڭ كىچىك ئۇكىسى زىرىئادىر كاسپى دېڭىزىدىن سىر (تانائىس) دەرياغىچە بولغان ئۆلكىدە ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى، تانائىسنىڭ نېرىقى قىرغىقىدا ئامورك ئىسىملىك شاھ پادىشالىق قىلاتتى، بۇ شاھنىڭ ئاداتىدا ئىسملىك گۈزەل بىر قىزى بار ئىدى.
ئاداتىدا بىر كۈنى چۈشىدە زارىئادىرنى كۆرۈپ،ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. زارىئادىر ئاموركقا قىزىنى سوراپ ئەلچىلەر ئەۋەتىدۇ. لېكىن ئاموركىنىڭ باشقا پەرزەنتى بولمىغاچقا قىزى ئاداتىدانى باشقا يۇرتقا ئۇزىتىشنى خالىمايدۇ ۋە ئۇنى ئۆز يېقىنلىرىدىن بىرىگە بەرمەكچى بولىدۇ. بىر كۈنى ئامورك قىزىنى كىمگە بېرىشنى سىر تۇتقان ھالدا توي بەزمىسى ئۇيۇشتۇرىدۇ. بەزمە ئەۋجىگە چىققاندا قىزىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: «قىزىم، بىز سېنىڭ تويۇڭنى قىلىۋاتىمىز، شۇ يەردە ئولتۇرغانلاردىن قايسى بىرىنى ياقتۇرساڭ، شۇنىڭغا ئالتۇنن قەدەھتە مەي تۇتقىن، سېنى شۇنىڭغا بېرىمىز» دەيدۇ. ئاداتىدا ئەتراپىغا قاراپ، توپلانغانلار ئارىسىدىن سۆيگىنى زارىئادىرنى ئاختۇرىدۇ. ئۇنى كۆرەلمىگەندىن كېيىن يىغلايدۇ، چۈنكى قىز يىگىتكە خەۋەر يوللاپ، ئۇنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويغان ئىدى. زارىئادىر بۇ ۋاقىتتا بىر كېمىچىنى ياللاپ، ئۇنىڭ ياردىمىدە دەريادىن ئۆتىدۇ ۋە دىۋانە تۈسىدە بەزمە قىلىۋاتقان يەرگە بارىدۇ. ئۇ كۆزىگە ياش تولۇپ تۇرغان، قولىدا قەدەھ تۇتۇپ تۇرغان ئاداتىدانى كۆرىدۇ _ دە، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ: «ئاداتىدا، مەن زارىئادىرمەن، مانا مەن سەن ئىزدىگىنىڭدەك يېنىڭدا تۇرىمەن» دەيدۇ. قىز قولىدىكى قەدەھنى يىگىتكە تۇتىدۇ. زارىئادىر ئاداتىدانى يېتەكلەپ، يوشۇرۇنچە كېمىچى تۇرغان يەرگە ئېلىپ كېلىدۇ ۋە ئۇلار بىرلىشىپ زارىئادىرنىڭ يۇرتىغا كېتىدۇ. ئامۇرك قىزىنىڭ غايىپ بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن خىزمەتچىلىرىنى بىر _ بىرلەپ سوراق قىلىدۇ. قىز سۆيگۈسىدىن خەۋەردار خىزمەتچىلەر: «بىز ھېچ نەرسە بىلمەيمىز» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.