يىغلاڭغۇ تاغ ئەپسانىسى
ئەپسانىلار
بۇ ئەپسانە كۇچار ناھىيىسىدىن مەمتىمىن بايىزنىڭ ئېيتىپ بەرگىنىگە ئاساسەن رەتلەندى.
قەدىمىك زاماندا كۈسەن پادىشاھنىڭ خانىشى بىر قىز تۇغۇپتۇ. قىز شۇنداق گۈزەل چوڭ بوپتىكى، ئۇنى بىرلا كۆرگەن ھەرقانداق كىشى ئەس _ ھوشىنى يوقىتىدىكەن. قىزنىڭ چېچەنلىكى ۋە گۈزەللىكى توغرىسىدا ئەل - يۇرت ئارىسىدا داستان _ قىسىلەر توقۇلۇپ، ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈپ، قۇلاقتىن _ قۇلاققا يېتىپ ھەر قايسى ئەللەرگە تاراپتۇ.
ئەنە شۇ چاغدا خوتەن شاھزادىسى پەرھاتمۇ بۇ قىز توغرىسىدا توقۇلغان قىسسىلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنى كۆرمەي تۇرۇپ ئاشىقىي - بىقارار بوپتۇ ۋە خوتەن يۇرتىدىن كۈسەنگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ.
بۇ چاغدا بۇ قىزغا تەرەپ - تەرەپتىن ئەلچىلەر كېلىشكە باشلاپتۇ. قىزنىڭ دادىسى _ پادىشاھ شۇنداق پەرمان چىقىرىپتۇ: «كىمكى ئالدىمىزدا كۆرۈنۈپ تۇرغان تاغقا مىڭ ئۆي قېزىپ پۈتۈرلسە، قىزىمىنى شۇنىڭغا بېرىمەن.» بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان شاھزادە. بايۋەتچچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يېلى چىقىپ پەرىشان ھالدا قايتىپتۇ. خوتەن شاھزادىسى پەرھات دەشىت _ باياۋانلارنى كېزىپ، كېچە - كۈندۈز يول يۈرۈپ، يول يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپ ئاخىر كۇچارغا يېتىپ كەپتۇ. شېرىننىڭ ۋەسلىگە يېتىش ئۈچۈن پادىشاھنىڭ پەرمانىنى بىجا كەلتۈرمەكچى بولۇپ، ئىرادىسىن ئىشق ئوتىدا تاۋلاپ، بېلىنى مەھكەم باغلاپ، ئۆز يۇرتىدا ئۆگەنگەن تاشچىلىق ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۆي ياسشقا كىرىشىپتۇ.
شېرىنمۇ پەرھاتنى كۆرۈپلا ئاشىق بوپتۇ ۋە پارھات ئۆي ياساۋاتقان تاغقا كېلىپ ئۇنىڭغا ئۇسسۇلىق ۋە تائام ئەكىلىپ بېرىپتۇ. پەرھات جاپالىق ئىشلەپ ئاخىرى توققۇز يۈز توقسان توققۇز ئېغىز ئۆينى پۈتتۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرى بىر ئېغىز ئۆينى ياساشقا كىرىشىپتۇ. بۇ خەۋەرنى كۇچار ۋىلايىتىگە تارقىلىپتۇ. ئۇزۇندىن بۇيان شېرىنگە ئاشىق بولۇپ يۈرگەن، ئەمما ئۇنىڭ ۋەسلىگە يېتەلمىگەن ۋەزىرنىڭ ئوغلى بىر جادۇگەر موماينى ئەۋەتىپ، پەرھاتقا زەھەر بېرىپ جېنىغا قەست قىپتۇ. بۇ خەۋەر ناھايىتى تېزلا كۇچارۋىلايىتىگە تارقاپتۇ. يەر _ زېمىن تىتىرەپتۇ. ئەل _ يۇرت ماتەم تۇتۇپتۇ. شېرىنمۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئاشىقىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلاپ بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈگە ۋىدالىشىپتۇ. بۇ بىر جۈپ ئاشىق - مەشۇقنىڭ ئۆلۈمىنى كۆرگەن تاغمۇ تاقەت قىلالماي ياش تۆكۈپتۇ. تا بۈگۈنكى كۈنگىچە بۇ تاغنىڭ قايغۇلۇق كۆز ياشلىرى توختىماي تۆكۈلۈپ، مىڭ ئۆي جايلاشقان تاغ باغرىنى كۆكەرتىپ، باغۇ _ بوستانلىققا ئايلاندۇرۇۋېتىپتۇ.