سۇلتان ئارسلانخان رىۋايىتى
ئەپسانىلار
بۇ رىۋايەت خەلق ئارىسىدىن توپلاندى.
سۇلتان ئارسلانخاننىڭ خوتۇنى بالدۇرراق ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئارسلانخان باشقىلارنىڭ ئۆيلەپ قويۇش توغرىسىدىكى تەكلىپلىرىنى قەتئى رەت قىلىپ، بىر قېتىملىق سۆھبەتتە ۋەزىر - ۋۇزرا، ئۆلىما _ قازىلاردىن: «بىر ئەرگە قانچە خوتۇن راۋا؟» دەپ سورىغان. قازى - كالانلاردىن بىرى جاۋاب بېرىپ: «تۆت خوتۇن راۋا» دېگەن. ئارسلانخان ئارقىدىن يەنە: «بىر ئايالغا قانچە ئەر راۋا؟» دەپ سوراپتۇ. شۇ چاغدا قازى - كالانلار دۇدۇقلاپ، بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشكە ئاجىزلىق قىپتۇ، بۇ چاغدا ئارىسلانخان بىر ئايالغا بىردىن ئارتۇق ئەر راۋا بولمىغىنىدەك بىر ئەرگىمۇ بىردىن ئارتۇق ئايالنىڭ راۋا بولمادىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.