UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارئات نېمە ئۈچۈن ياتمايدۇ؟

ئات نېمە ئۈچۈن ياتمايدۇ؟

ئەپسانىلار بۇ ئەپسانە خەلق ئاغزىدىن توپلانغان. بۇرۇنقى زاماندا مايمۇن بىلەن تۈلكە ناھايىتى يېقىن دوستلاردىن ئىكەن. تۈلكە دائىم مايمۇنغا يالغان سۆزلەپ ھىيلىگەرلىك قىلىدىكەن. تۈلكىنىڭ ھىيلىگەر، قۇۋ ھەم يالغانچى ئىكەنلىگىنى سەزگەن مايمۇننىڭ ئاچچىقى كېلىپ، ئۆچ ئېلىشنى ئويلاپتۇ. بىر كۈنى مايمۇن تاغ باغرىدا ياتقان بىر ئاتنى كۆرۈپتۇ ۋە ئۆچ ئېلىشنىڭ پۇرسىتى ئەمدى كەلدى دەپ ئويلاپ، دەرھال تۈلكىنىڭ قېشىغا بېرىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا: «تۈلكە ئاكا گۆش يەمسەن؟» دەپتۇ. «يىمەمدىغان مايمۇنجان ئۇكا، بۈگۈن گۆش تاپالماي ئاچلىقتىن ئۆلەي دېدىم. چاققان بول، گۆش بار يەرگە مېنى باشلاپ بار» دەپتۇ تۈلكە ئىنتايىن خۇشال بولۇپ: «ئۇنداق بولسا ئاۋۇ تاغ باغرىدا بىر ئات ئۇخلاۋاتىدۇ، مەن سېنى باشلاپ باراي،سنىڭ قولۇڭدىن خېلى ئىشلار كېلىدۇ. سەن تۇيدۇرماي ئاتنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ قۇيرۇقىنى ئۆزەڭنىڭ قۇيۇغىغا چېتىپ، ئاندىن گۆشنى يە» دەپتۇ. قورسىقى تازا ئاچقان تۈلكە مايمۇننىڭ مەسلىھىتى بۇيىچە ئۆزىنىڭ قۇيرۇقىنى ئاتىنىڭ قۇيرۇقىغا چېتىپ، ئەمدى يەي دېيىشىگە ئات بۇنى سېزىپ قېلىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ بەدەر قېچىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھىيلىگەر تۈلكە تاغۇ _ تاشلارغا ئۇرۇلۇپ ئۆلۈپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئات ئۆرە تۇرۇپ ئۇخلايدىغان بوپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار
ئات نېمە ئۈچۈن ياتمايدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki