UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارقارا بۇغراخان رىۋايىتى

قارا بۇغراخان رىۋايىتى

ئەپسانىلار «گۈلستان» ژۇرنىلىنىڭ (ئۆزبېكچە) 1970 - يىل 11 - ساندىن ئېلىندى. قارا بۇغراخان دېگەن بىر پادىشاھ بار بولۇپ، ئۇنىڭ پايتەختى قەشقەر ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئوۋ قىلىپ يۈرۈپ، سۇ بويىدا بېيىت ئېيتىپ ئولتۇرغان بىر گۈزەل قىزنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قاپتۇ. ئاخىرى ئۇ قىزغا ئۆيلەنمەكچى بولۇپ، كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپتۇ. توي - تاماشا تازا قىزىغان مەزگىلدە تۇيۇقسىز ئۇرۇش باشلىنىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قارا بۇغراخان ئۇرۇش مەيدانىغا ئاتلىنىپتۇ. بۇ ئۇرۇشتا ئۇ غالىپ چىقىپتۇ، ئەمما ئۆزى ئېغىر يارىلىنىپتۇ. يولدا كېلىۋېتىپ ئەھۋالى ئېغىرلىشىپتۇ. شۇندا كۈنچىقىش تەرەپنى كۆرسىتىپ: «ئەمدى جان قالدى، (جان تۈگىدى مەنىسىدە)، مېنى ئەنە شۇ تەرەپكە كۆمۈڭلار» دەپ جان ئۈزۈپتۇ. ۋەزىرلىرى قارا بۇغراخاننىڭ ۋە سىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنى ئۆزى كۆرسەتكەن جايغا دەپنە قىپتۇ. ئۇ يەر كېيىنچىرەك شەھەرگە ئايلىنىپ، «ئانداجان» نامى بىلەن ئاتىلىپتۇ. زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ سۆز «ئەنجان» بولۇپ ئۆزگەرگەنىكەن.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار