پاختەك توغرىسىدا ئەپسانە
ئەپسانىلار
يۇقىرىقى ئىزاھاتقا ئوخشاش.
پاختەك بۇرۇنقى زاماندا خىزرى ئەلەيھىسسالامنىڭ كېلىنى ئىكەن. پاختەكنىڭ ئەسلى ئىسمى پەختىخان ئىكەنك. بۇلارنىڭ ئاتا - بالىلىق مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى ئىكەن. كۈنلەردىن بىر كۈنى خىزىر ھەممە بالىلىرىنى ئۆز ئۆيىگە چاقىرىپ، ھەمداستىخان بوپتۇ ۋە ئۆز ئارا ھال - مۇڭ بولۇشۇپتۇ. تاماق تەييار بوپتۇ. بەختىخان قولىغا سۇ ئالماق بولۇپ، ئىرىقنى ئېلىپ، مۈرىسىگە لۈڭگە ئارتىپ، ئەڭ ئالدى بىلەن خىزىرنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپتۇ. سۇ قايناق بولغاچقا خىزىرنىڭ قولى كۆيۈپ قاپتۇ. خىزىر ۋارقىراپ تاشلاپتۇ ۋە دەرغەزەپ بولۇپ: «ئىلاھىم پاختەك بولۇپ كەتكەيسەن!» دەپ قاغاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پەختىخان پاختەككە ئايلىنىپ قاپتۇ. مۈرىسىدىكى لۆڭگىمۇ شۇ پېتى قالغانىكەن. پاختەكنىڭ بوينىدىكى ئاق بەلدەم ئەنە شۇ چاغدا قالغان لۆڭگە ئىكەن.