UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارچىن ۋە ماچىن ئەپسانىسى

چىن ۋە ماچىن ئەپسانىسى

ئەپسانىلار چىن بىننى ياپەس ناھايىتى ئەقىللىق، زېرەك ھۇشيار، تەدبىرلىك ئىكەن. دادىلىرى بىر شەھەر بىنا قىلىپ، ئوغلىنىڭ ئىسمى بىلەن «چىن» دەپ ئاتاپتۇ. چىننىڭ تەبىئىتى ئۈستۈن، ھۈنەرۋەن ئىكەن. نەققاشچىلىق، ئويمىچىلىق ۋە گۈللۈك ئىگىن تىكىشنى ئىجات قىپتۇ. پەرزەنتلىرىگە ھەم تەلىم بېرىپتۇ. پىلە بېقىشنى ئىجات قىپتۇ. چىننىڭ خوتۇنى يۈزى نۇرلۇق، ئوچۇق چىرايلىق بىر ئوغۇل توغۇپتۇ. ئۇنىڭغا «ماچىن» دەپ ئات قويۇپتۇ. ماچىن ئۆيلىنىپتۇ. ئۇنىڭ بالىلىرى ۋە ئۇرۇقلىرى كۆپىيىپتۇ. دادىسى بىلەن مەسلىھەت قىلىشىپ: مېنىڭ بالىلىرىم _ ئەۋلادلىرىم كۆپەيدى، بۇ زىمىنغا سىغىشمايدىغان ھالەتكە يەتتىم. رۇخسەت بەرسىڭىز يېقىنراق بىر شەھەر بىنا قىلىپ ئولتۇرسام دېگىنىدە چىن ماقۇل كۆرۈپ بىر شەھەر بىنا قىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا ئوغلىنىڭ نامى بىلەن «ماچىن» دەپ ئات قويۇپتۇ. ماچىن بالىلىرىغا قوينىڭ يۇڭىدىن ئىگىن قىلىپ كىيىشنى ئۈگىتىپتۇ. «ئۇنغا» دېگەن چىرايلىق قۇشنىڭ قاناتلىرىنى زىننەت ئۈچۈن باشلىرىغا قاداپتۇ. جەڭ كۈنلىرىدە ئۇنىڭ باتۇرلىرى دەستار _ دۇبۇلغىلىرىغا ئۇنغان قۇشنىڭ پەيلىرىنى بېكىتىپ، ئۆزىنى ھەيۋەتلىك ۋە باتۇر كۆرسەتسۇن، دەپ بۇيرۇق قىپتۇ. بىر قېتىم ماچىن ئوۋ قىلىپ يۈرۈپ كىيىكنى سەيە (ئوۋ) قىپتۇ. ئۇنىڭ كىندىكىدىن خۇشبۇي قان ئېقىپتۇ. ئۇ قاننى ئاسراپ ساقلاپتۇ. قان قۇرۇغاندىن كېيىن تېخىمۇ خۇشبۇي پۇراق چېچىپتۇ. ماچىن: ھەر كىم بۇنىڭغا ئوخشاش كىيىك ئوۋ قىلسا، كىندىكىنى ئېھتىيات بىلەن ساقلىسۇن، دەپ ھۆكۈم قىپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ كىيىكنى ئوۋ قىلسا كىندىكىنى ئالدىغا بولۇپ، موشىڭ «ئىپار» ئادەملەرنىڭ قولىغا چۈشىىغان بوپتۇ. چىن ۋە ماچىننىڭ ھاياتلىقىدا ئۇلارنىڭ بالىلىرى ۋە نەۋرىلىرى ئوتتۇز ئالتە خىل تىل بىلەن سۆزلىشىدىكەن. ئۇلانىڭ ھەر بىرى ئايرىم تائىپە ۋە قەبىلە بولۇپ، ئۆز ئارا سۆزلەشمەكچى بولسا تىلماچ ئىشلىتىدىكەن. ھەر بىر تائىپە بىر تەرەپكە بېرىپ شەھەر - ئىمارەتلەر بىنا قىلىپ ئولتۇرۇشۇپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار