UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە

ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە

ئەپسانىلار ئىگىز ھارىۋىلىقلار قەدىمكى قىزىل تۇرالارنىڭ نەسلىدىن ئىكەن... ھون تەڭرىقۇتىنىڭ ئايالى ئىككى قىز توغقان بولۇپ، بۇ قىزلار ناھايىتى چىرايلىق ئىكەن. بۇ ئەلدىكى ئادەملەر ئۇ قىزنى پەرىلەر دېيىشىدىكەن. ھون تەڭرىقۇتى: «مۇشۇ قىزلىرىم قانداق كىشىلەرگە جۆرە بولۇشى مۇمكىن؟ ئۇلار تەڭرى بىلەن جۆرىلەشسە بولىدۇ» دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ تەڭرىقۇت ھونلار ئېلىنىڭ شىمالىدىكى ئادەم قەدىمى يەتمىگەن جايغا ئېگىز بىر قورغان سالدۇرۇپ قىزلارنى قورغانغا جايلاشتۇرۇپ «قىزلارنىڭ تەڭرىنىڭ ئۆزى كېلىپ قارشى ئېلىشىنى ئۆتۈنىمەن» دەپتۇ. ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندە قىزلارنىڭ ئانىسى قىزلارنى كۆرمەكچى بولغاندا تەڭرىقۇت: «بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيا بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن» دەپتۇ. يەنە بىر يىل ئۆتكەندە بىر قېرى بۆرە پەيدا بولۇپ، كېچە - كۈندۈز قورغاننى ياقىلاپ ھۇۋلايدىغان بوپتۇ. بۆرە قورغان تېمىنىڭ تۈۋىنى كولاپ بىر ئۇۋا ياساپتۇ. كۈنلەر ئۆتىۋېرىپتۇ. بۆرە زادى كەتمەپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە قىزلارنىڭ كىچىكى ئاچىسىغا: «دادام مېنى مۇشۇ قورغانغا جايلاشتۇرۇپ قويغاندا تەڭرى بىلەن جۆرە بولۇشۇمنى ئارزۇ قىلغان. بۈگۈنگە كەلگەندە بۆرە پەيدا بولدى. ئۇ بىر ئىلاھى مەخلۇق ياكى پەرىشتىنىڭ ئۆزى» دەپتۇ ۋە قورغاندىن چىقىپ، بۆرىگە جۆرە بولماقچى بوپتۇ. سىڭلىدىن بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ئاچىسى قاتتىق چۆچۈپ كېتىپ: «بۇ ھايۋان تۇرسا، ئۇنىڭغا جۆرە بولىمەن دېيىش ئاتا _ ئانىمىزغا قىلىنغان ھاقارەت!» دەپتۇ. سىڭلىسى ئاچىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي قورغاندىن چىقىپ، بۆرىگە جۆرە بوپتۇ. ئۇنىڭدىن بالا تۇغۇپتۇ. ئۇلارنىڭ ئەۋلادى كۆپىيىپ، بىر دۆلەتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار
ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە | UyghurWiki | UyghurWiki