UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلاريەركەن مەلىكىسى توغرىسىدىكى ئەپسانە

يەركەن مەلىكىسى توغرىسىدىكى ئەپسانە

ئەپسانىلار بۇ ئەپسانە «يەركەن ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 1982 - يىل 1 - سانىدىن ئېلىندى. «زوبدىتىل ئەخبار» («يەركەن ئەدەبىياتى») 19 - ئەسىردە ياشىغان كەشمىرلىك ئۇلۇغ ئالىم مەۋلانا ئەبۇمۇھەممەت ھەسەن يازغان. «زوبدىتىل ئەخبار» دا مۇنداق دېيىلىگەن: ئىسكەندەرنىڭ ئەسكەرلىرى يەركەن تەۋەسىگە كىرگەندە چارلىغۇچىلار يەركەن خانلىقىغا مەلۇم قىلىدۇ. خان سۈرۈشتۈرۈپ ئۇلارنىڭ قېلىچ بىلەن قۇراللانغانلىقىنى، مىڭدىن - مىڭدىن بۆلۈنۈپ يۈرۈش قىلىدىغانلىقىنى ئۇقىدۇ. خان ئۆزىنىڭ قىزىنى نەيزە بىلەن قوراللاندۇرۇپ، نەيزە بىلەن قوراللانغان ئاتلىق ئەسكەرلەرگە باش قىلىپ، ئىسكەندەرنىڭ ئەسكەرلىرى ئالدىغا چىقارتىدۇ. ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىپ، بىردىن پالۋان ئوتتۇرىغا چىقىپ بىر - بىرىنى ئۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. يەركەن مەلىكىسى شۇنداق دەيدۇ: «سەن شۇنچە يىراق يەردىن بىزگە باستۇرۇپ كەپسەن، شۇڭا ئاۋۋال سەن ئات!» ئىسكەندەرنىڭ پالۋىنى ئارقا _ ئارقىدىن ئۈچ قېتىم ئوق ئۈزۈپ تەككۈزەلىمەپتۇ. ئارقىدىن نۆۋەت يەركەن مەلىكىسىگە كەلگەندە ئۇ بىر تال ئوق ئۈزۈپ، ئىسكەندەر پالۋانىڭ چېكىسىنى تېشىۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن يەركەن خانىنىڭ ئەسكەرلىرى ئىسكەندەر ئەسكەرلىرىنى مىڭدىن - مىڭدىن يوقىتىپتۇ. قان دەريا بولۇپ ئېقىپتۇ. ئىسكەندەر نۇرغۇن جايلارنى بېسىۋېلىش جەريانىدا ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئالتۇن - كۈمۈشلىرىنى ئولجا ئالغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ قورال _ ياراق دەستىلىرى، كىيىم _ كېچەكلىرىنىڭ تۈگمىلىرى، زىننەت بۇيۇملىرى ئالتۇندىن قىلىنغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ئۇلارنىڭ ھەممىسى قان ئىچىدە قالغانىكەن. شۇڭا بۇ تارىختا «ئالتۇن قان دېڭىز» دەپ ئاتىلىپ كەلگەنىكەن.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار