ئىلى تورغىيى ئەپسانىسى
ئەپسانىلار
بۇ ئەپسانە ئابدۇللا تالىپنىڭ «قاينام ئۆركىشى» ناملىق رومانىدىن ئېلىندى.
كۈسەن ئېلىنىڭ شىمالىي تەرىپدىكى يۇلتۇز دېگەن جايدا ھونلارنىڭ زابىندىر قەبىلىسى ھاكىمىيەت تۇتۇپ تۇرغان چاغدا، كۈسەن بىلەن زابىندىرلىقلار تەلەمەت داۋىنى ئارقىلىق بېرىش _ كېلىش ۋە قۇدا - باجىلىق قىلىشىدىكەن. ئۆز ئارا توپلاشقاندا مەلىكىلەر ۋە كېنىزەكلەرگە قوشۇپ مال _ بېسات، چارۋىلارنى ماڭغۇزۈشتىن باشقا يەنە نەچچە يۈز قەپەزدە بېقىلغان يېقىملىق ئاۋازلىق ئىلى تورغايلىرىنىمۇ بىرگە سوۋغا قىلىدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئىلى تەرەپتىكى تورغايلار تەلەمەت داۋىنى ئارقىلىق كۈسەنگە كەلتۈرۈلگەن نەچچە مىڭ تۇياق ماللارغا قوشۇلۇپ بۇ ياققا ئۆتكەنىكەن. ئىلى تورغىيى شۇندىن باشلاپ سايرام، كۇچا ۋادىلىرىغا تارقىلىپتىمىش.