جەمىشىت ھەققىدىكى ئەپسانە
ئەپسانىلار
بۇ ئەپسانە «ئاۋىستا»، «شاھنامە» ۋە ناۋايىنىڭ «تارىخىي مۈلكى ئەجەم» ئەسەرلىرىدە بايان قىلىنغان. شۇ نۇسقىغا ئاساسەن ئېلىندى.
جەمشىت ئادالەتلىك پادىشاھ بولغانىكەن، ئۇنىڭ زامانىدا قەھرىتان سوغۇقمۇ، پىژ - پىژ ئىسىقمۇ بولمايدىكەن، ھەتتا كېسەللىك ھەم ئۆلۈممۇ يۈز بەرمەيدىكەن. جەمشىتنىڭ يېرىدە ھەر خىل مال ۋە ئادەملەر تولۇپ تۇرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۈتۈن يەر يۈزىنى ئۈچ باراۋەر كېڭەيتىپتۇ. چارۋىنى ھەم تۈرلۈك _ تۈمەن قۇشلارنى كۆپەيتىپتۇ. بىراق مىڭ يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ يۇرتىدا قەھرىتان قىش باشلىنىپ، كىشلەرگە ئاپەت كەلتۈرۈپتۇ يايلاق _ ئوتلاقلارنى سۇ بېسىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن جەمشىت ئادەملەرنى قۇتقۇزۈشقا باشلاپتۇ. كاتتا ئۆستەڭ _ توغان ياساپ، كىشىلەرنىڭ مال - مۈلكىنى سۇ تاشقىنىدىن ساقلاپ قاپتۇ.