قاغا نېمە ئۈچۈن قارا؟
ئەپسانىلار
يۇقىرىقى ئىزاھاتقا ئوخشاش.
بۇرۇن قاغا. ھازىرقىدەك قارا ئەمەس، تولىمۇ گۈزەل بىر قۇش ئىكەن، ئۇنىڭ بەدىنىدىكى رەڭگارەڭ پەيلەر قۇياش نۇرىدا تېخىمۇ گۈزەل ۋە چىرايلىق بولۇپ كۆرۈنىدىكەن.
بىر كۈنى توز، بۇلبۇل، شاتۇتى ۋە سېغىزخانلارنىڭ قاغىنىڭ چىرايلىقلىقىغا مەسلىكى كېلىپ ئۇنى ماختاپتۇ: «ئاداش ، سېنىڭ پەيلىرىڭ بەك چىرايلىق جۇمۇ، ھەممە قۇشلار ساڭا زوقىلىنىپ قارىشىدۇ.»
قاغا بۇ گەپنى ئاڭلاپ گىدىيىپ تۇرۇپ: «نېمە ئۈچۈن سىلەرنىڭ پەيلىرىڭلار مۇنچىۋال سەت؟ نېرى تۇرۇڭلار، نېرى، مەن ئۇچىمەن، بولمىسا سىلەر مېنىڭ پەيلىرىمنى پاسكىنا قىلىۋېتىسىلەر» دەپتۇ _ دە، ئۇچۇپ كېتىپتۇ. ئۇ ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ مۇنداق ناخشا ئېيتىپتۇ:
قۇشلار گۈزەل، قۇشلار گۈزەل،
ئورماندا يالغۇز مەنلا گۈزەل.
بىر كۈنى ئورمانلىقتا لاۋۇلداپ گۈلخان يېنىپتۇ. قۇياش نۇرى ئوت ئۈستىگە چۈشۈپ قىزىل، سېرىق، كۆك، يېشىل، سۆسۈن رەڭنى قىپتۇ. بۇنى كۆرگەن قاغا بېشىنى كۆتىرىپ كۆيۈۋاتقان ئوتقا: «سەن قايسى قۇش مەن بىلەن گۈزەللىك تالاشماقچى بولۇۋاتامسەن؟» دەپ ۋارقىراپتۇ.
ئوتتىن زۇۋان چىقماپتۇ. قاغا دەر غەزەپ بولۇپ ئوتقا قاراپ ئېتىلپتۇ ۋە بىراقلا گۈلخان ئىچىگە كىرىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بەدىنىگە ئوت تۇتىشىپ پەيلىرى ۋە بەدىنى كۆيۈپ كېتىپتۇ. قاغا بۇنىڭغا چىدىماي، «قاق - قاق..» دەپ ۋارقىرىغىنىچە بەدىنىدىكى ئوتنى ئۆچۈرمەك بولۇپ يەرگە دومىلاپتۇ. گۈزەل پەيلىرىنىڭ ھەممىسى كۆيۈپ تۈگەپ، قاپقارا بولۇپ قالغانىكەن.