UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارفارابى ھەققىدىكى رىۋايەت

فارابى ھەققىدىكى رىۋايەت

ئەپسانىلار بۇ رىۋايەت مىللەتلەر نەشىرىياتى نەشر قىلغان«تارىخىي مۇسقىيۇن» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى. يەتتە سۇنىڭ بالا ساغۇن (بالا ساغۇن _ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىسسىق كۆل بويىغا جايلاشقان توقماق يېنىدىكى بىر قەدىمىي شەھەر.) دېگەن يېرىدە ئۆتكەن مەۋلانە شەيىخ، ئەبۇ نەسىر فارابىدۇر. بۇ ئەزىز ھەزرىتى ئىمام مۇھەممەت غەززالى (ئىمام مۇھەممەت غەززالى _ زەينىدىن ئەبۇ ھامىد مۇھەممەت ئىبنى ئەخمەت تۇسى. ئۇ مىلادى 1059 - يىلى خۇراساننىڭ تۇس شەھىرىگە قاراشلىق غەززال دېگەن جايىدا دۇنياغا كېلىپ، مىلادى 1111 - يىلى ۋاپات بولغان، ئۇ مەشھۇر ئىسلام پەيلاسوپى ئىدى.) ھەزرىتى ئىمام پەخرى رازىلار (ئىمام پەخرى رازى _ ئەبۇ ئابدۇللا مۇھەممەت بىننى ئەلتەملكە بىرى پەخرى رازى، مىلادى 1149 - يىلى دۇنياغا كېلىپ، 1209 - يىلى ھىراتتا ۋاپات بولغان مەشھۇر ئەرەپ پەيلا سوپى) دىن ئارتۇق كامالەت تاپقان، دىنىي ئىلىملەردە يۇقۇرى سەۋىيىگە يەتكەن، پەننى ئىلىملەردە ئىبنى سىنادىنمۇ (ئىبنى سىنا _ ئەبۇ ئېلى ئىبنى سىنا، ئۇ مىلادى 980 - يىلى بۇخارانىڭ يېنىدىكى بىر قىشلاقتا دۇنياغا كەلگەن. مىلادى 1037 - يىلى ھەمەداندا ۋاپات بولغان.) ئۈستۈن ئىدىكى، شەرىئەت ئىلمى، تەرىقەت ئىلمى، تەفسىر، ھەدىس، تىۋىپلىق، پەلسەپە، ئىدىئولوگىيە؛ ئەدەبىيات جەھەتتە شاھمات، نەرد ئويۇنلىرىغىچە بىلمەيدىغىنى يوق ئىدى. جۈملىدىن مۇزىكا ئىلمىدىمۇ ناھايىتى يېتىلگەن ئىدى. قالۇننى ئۆز قولى بىلەن ياساپ، سىم تارتىپ چالغان ۋە سازەندە شاگىرتلىرىغا ئۈگەتكەن ئىدى. راك، ئوشاق مۇقاملىرىنى ۋە ئوشاقنىڭ مەرغۇللىرىنى ئىجات قىلىپ ئالەمگە يايغان ھەم شاگىرتلىرىغا ئۈگەتكەن ئىدى. ھازىرمۇ ھەممە سازەندىلەرگە مەلۇم بولغان ئۆزھال مۇقامىنى ۋە ئۇنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى مەرغۇللىرىنى كەشپ قىلغان ئىدى. «رىسالەئى مۇغەننىيۇن» (سازەندىلەر رىسالىسى) دېگەن كىتابىدا «مۇزىكىنىڭ تىلىسىز مۇڭلىرى ئىنساننىڭ روھىغا مەنىۋى ئوتنى تۇراشتۇرغۇچى ئامىلدۇر. ئەگەر ئۇنىڭغا شېئىر قوشۇلسا، ئۇ مۇڭنىڭ نېمە ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ» دەپ ئېيتقان ۋە يەنە: «يۈز يىل ئىبادەت قىلىپ ئالالمىغان پەيزىنى مېنىڭ قالۇنۇمنىڭ سىملىرىدىن ئالغايسىزلەر» دېگەن. بۇ ئەزىز تۈرلۈك ئىلىملەر ھەققىدە بىر يۈز ئون تۆت پارچە كىتاب يازغان.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار
فارابى ھەققىدىكى رىۋايەت | UyghurWiki | UyghurWiki