UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارموڭغۇل دالىسىنىڭ شىمالىدىكى ساك (سەك) ھەققىدىكى رىۋايەت

موڭغۇل دالىسىنىڭ شىمالىدىكى ساك (سەك) ھەققىدىكى رىۋايەت

ئەپسانىلار بۇ رىۋايەت «جۇ سۇلالىسى تارىخى» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى. تۈركلەرنىڭ ئەجدادى سەك دۆلىتىدىن كەلگەن. ئۇ دۆلەت ھونلارنىڭ شىمالىدا بولۇپ، ئاپاڭبۇ زامانىسىغا كەلگەندە يوقىتىلىپ، پەقەت ئون يەتتە ئوغۇل بالا ساق قاپتۇ. ئۇلارنىڭ بۆرىدىن تۇغۇلغان بالىسى ئىجىنشتۇ ياز ئىلاھىسىنىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا ئاپتۇ. يەنە بىرى قىش ئىلاھىسىنىڭ قىزىنى ئالغان بولۇپ، ئۇ يامغۇر ياغدۇرۇپ، شامال چىقىرالايدىكەن. ئۇنىڭدىن تۆت ئوغۇل تۇغۇلۇپتۇ. ئۇلانىڭ ئىچىدىن بىرى ئاق ياۋغازغا ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ. بىر ئوغلىنىڭ دۆلىتى ئاباقان دەرياسى بىلەن كېم دەرياسىنىڭ ئارىلىغىدا بولۇپ، نامى قىرغىز ئىكەن. يەنى بىر ئوغلىنىڭ دۆلىتى چۋاكېم دەرياسىنىڭ بويىدا بولۇپ، ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى باش چۋاكېمىش تېغىنى ساقلاپ تۇرىدىكەن. تاغ ئارىسىدا ئاپاڭبۇ ئۇرۇقىدىكىلەر ياشايدىكەن. ئۇلا چوڭ ئوغۇللىرىنى ئۆزىلىرگە ھۆكۈمدار قىلىپ، ئۇنىڭغا تۈرك دەپ نام بېرىپتۇ. ئۇنىڭ ئىسمى ناتولۇش بولۇپ، ئۇمۇ ئون خوتۇن ئاپتۇ. تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ھەممىسى ئانا تەرەپنىڭ فامىلىسىنى ئۆزلىرىگە ئىسىم قىپتۇ. ئاشنا شىر ئۇلارىڭ ئىچىدىكى كىچىك خوتۇندىن تۇغۇلغان ئۈچىنچى بالا ئىكەن ئۇ دەرەخكە ھەممىدىن بەك ئېگىز سەكرەپ ئېسىلغانلىغى ئۈچۈن ناتولۇشنىڭ خان ۋارىسى بوپتۇ ۋە ئاشناشىر دەپ نام ئاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار