قاراخان ۋە ئوغۇزخان ئەپسانىسى
ئەپسانىلار
تۈركنىڭ چەۋرىسى ئەلەنجەخان ئاخىرقى ئۆمرىدە يۇرتىنى ئىككى ئوغلىغا تەقسىم قىلىپ بېرىپ، ھودور - فاسىل (چېگرا) توختىتىپ موغۇل خانغا تەيىن بولغان زىمىننى «موغۇلىستان» دەپ، تاتار خانغا تەئەللۇق بولغان زىمىننى «تاتارىستان» دەپ ئاتاپتۇ. ئەلەنجەخاننىڭ نەۋرىسى قاراخان ئۆزىنىڭ ئىسمىغا مۇۋاپىق تەبىئىتى ناھايىتى قارا بولۇپ، مۇسۇلمان زاتىغا ناھايىتى ئۆچ ئىكەن. ئۇنىڭدىن بىر ئوغۇل تۇغۇلۇپتۇ. ئۇنىڭ يۈزى ناھايىتى نۇرلۇق ئىكەن. ئۇ تۇغۇلۇپ ئۈچ كۈنگىچە ئۆز ئانىسىنى ياكى باشقا ئايالنى ئەممەپتۇ. ئانىسى تولا غەم قىپتۇ. ئۇ چۈش كۆرۈپتۇ، چۈشىدە ئوغلىنىڭ «ئى ئانا، مۇسۇلمان بولساڭ سۈتۈڭنى ئاغزىمغا ئالىمەن، ئەگەر مۇسۇلمان بولمىساڭ سۈتۈڭنى ئاغزىمغا ئالمايمەن» دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپتۇ. ئانا ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بالا ئۇنىڭ سۈتىنى ئېمىتىپتۇ. لېكىن دىلى قارا ئېرى _ قاراخاندىن بۇنى قەتئى مەخپى تۇتۇپتۇ. موڭغۇللارنىڭ ئادىتى بويىچە بالا تۇغۇلۇپ بىر يىل بولغاندا ئات، كالا، قوي ئۆلتۈرۈپ، چوڭ - كىچىك يۇرت - جامائەتنى چىللاپ، بالىغا ئات قويۇش مەرىكىسى ئۆتكۈزىدىكەن. ۋاقىتى سائىتى يېتىپ كەلگەندە قاراخان خوتۇنىغا: «بالىمىزغا نېمە دەپ ئات قويساق بولىدىكىن» دەپ سۆزلىشىپ تۇرغاندا، بۇ بىر ياشتىكى بالا دەرھال زۇۋانغا كىرىپ: «مېنىڭ ئىسمىم ئوغۇز بولسۇن» دەپتۇ. قاراخان ھەيران بولۇپ، خۇشاللىق بىلەن: «ئوغۇزخان» دەپ ئات قويۇپتۇ. ئوغۇز بالاغەتكە يەتكەندە ئۇنىڭغا ئىنسىنىڭ قىزىنى ئېلىپ بېرىپتۇ. ئوغۇز بۇ قىزغا قاراپمۇ قويماي شىكارغا كېتىپتۇ. شىكاردىن يانغاندا ئوغۇز بۇ قىزنىڭ ئۆيىگە چۈشمەي يەنە بىر تاغىسىنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپتۇ. ئۇنىڭ بىر قىزى بار ئىكەن. ئۇ قىز ئوغۇزغا: «مەن سىزنىڭ خىزمىتىڭىزدە بولسام» دەپ تەلەپ قويۇپتۇ. ئوغۇز ئۇ قىزغا: «ئەگەر مۇسۇلمان بولساڭ ئەھدى _ نىكاھىمغا ئالاي» دەپتۇ. قىز ماقۇل كۆرۈپ مۇسۇلمان بوپتۇ. ھەر ئىككىسى ۋەدە قىلىشىپتۇ. ئوغۇز بۇ سىرنى ئانىسىغا ئېيتىپتۇ ۋە دادىسىمۇ خەۋەر تېپىپتۇ. ئوغۇز بۇ سىرنى ئانىسىغا ئېيىتپتۇ ۋە دادىسىمۇ خەۋەر تېپىپ، بۇ قىزنى ئوغلى ئوغۇزغا ئېلىپ بېىپتۇ. بۇنىڭغا مۇھەببىتى ئارتۇقچە بوپتۇ. بىر مەزگىلدىن كېيىن ئوغۇز يەنە شىكارغا ئاتلىنىپتۇ. بۇ چاغدا قاراخان ئوغۇزنىڭ بۇرۇنقى خوتۇنىدىن سوراپتۇ: «ئوغلۇم ئوغۇز سېنى نېمە ئۈچۈن ياراتمىدى؟». بۇ رەشىكىچى خوتۇن: «ئوغلىڭىز مۇسۇلمان بولغانىكەن. كېيىنكى خوتۇنى ھەم مۇسۇلمان بوپتۇ. مەن بولسام ئاتا _ ئانىلىرىمنىڭ ئېتىقادىدىن يانمىدىم. شۇ سەۋەپتىن ماڭا كۆڭۈل بەرمىدى» دەپتۇ. بۇ سۆزنى ئاڭلاپ قاراخاننىڭ غەزىپى ئۆرلەپتۇ. ئوغلىنىڭ ئۈستىگە ئەسكەر ئوۋەتىدىغان بوپتۇ. ئوغۇزنىڭ مۇسۇلمەن خوتۇنى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ، دەرھال ئوغۇزغا خەۋەر بېرىپتۇ. ئوغۇزمۇ دەرھال ئەسكەر تەييارلاپتۇ. ئىككى تەرەپ بولۇپ قاتتىق جەڭ باشلىنىپتۇ. نەتىجىدە ئوغۇز غالىپ چىقىپ قاراخان ۋە ئۇنىڭ نۇرغۇن ئادەملىرىنى يوقىتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن غەلىبە قىلغان ئوغۇز دادىسى قاراخاننىڭ پايتەختىدە ئولتۇرۇپتۇ ۋە پۈتۈن يۇرتنى مۇسۇلمەن قىپتۇ. ئادالەت ئورنىتىپ، ئەلنى ئاۋات قىپتۇ. بىر يۈز يەتمىش يىل پادىشاھلىق قىلىپ، ئۆمرىدە ئالتە پەرزەنت كۆرۈپتۇ. ھەر بىر پەرزەنتىنىڭ تۆتىن بولۇپ تۆت ئوغۇل نەۋرىسى بوپتۇ. ھەر بىر نەۋرىسى بىر تائىپە، بىر قەبىلە بولۇپ، ئۆزلىرىگە ئۇيغۇر، قانقىلى، قاي، قالاچ... قاتارلىق ئىسىملارنى قويۇشۇپتۇ.