خوتەن گىلىمى _ گۈلەم ئەپسانىسى
ئەپسانىلار
بۇ ئەپسانە ئالمۇتىدا نەشر قىلىنغان«ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئىجادىيىتى» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.
خوتەن پادىشاھىنىڭ گۈلەمخان ئىسىملىك بىر قىزى بار ئىكەن. ئاشۇ قىز گىلەم توقۇشنىلا ئەمەس، ھەتتا قۇشلارنىڭ تىلىنىمۇ بىلىدىكەن. بىر كۈنى بۇ قىزنىڭ دادىسى ئۆز ۋەزىرلىرى بىلەن دەريا بويىدا تاماشا قىلىۋاتقاندا بىر قۇشنىڭ باشقا قۇشلارغا ئوخشىمايدىغان ئاۋازدا سايراۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپتۇ. بۇنىڭغا ئەجەبلەنگەن شاھ ۋەزىرلىرىدىن: «بۇ قۇش نېمە دەپ سايراۋاتىدۇ؟ قۇشنىڭ تىلىنى كىم بىلىدۇ؟» دەپ سوراپتۇ. ۋەزىرلەر بۇ قۇشنىڭ تىلىنى ئۇنىڭ قىزى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قىزىنى چاقىرىپ سوراپتۇ. ئۇنىڭ قىزى: «بۇ قۇش ئايال كىشى شاھنى گاداي قىلىۋېتىشى ۋە شۇنداقلا گاداينى شاھ قىلىۋېتىشىمۇ مۇمكىن دەپ سايراۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ شاھ غەزەبلىنىپتۇ _ دە، بىر گاداينى چاقىرغۇزۇپتۇ، ئۇنىڭغا قىزىنى تورمۇشقا چىقىرىپ: «مانا ئەمدى ئۇنى سەن شاھ قىلىپ باق» دەپ، ئۇلارنى چۆلگە ھەيدىۋېتىتپتۇ.
گاداي چۆلدىن ئوتۇن توشۇپ بازارغا ئەكىلىپ ساتىدىكەن، تاپقان پۇلىغا ھەر كۈنى يىپ سېتىۋېلىپ ئايالىغا ئەكىلىپ بېرىدىكەن. گۈلەمخان ئېرى ئەكىلى بەرگەن يىپتىن ھەرخىل كەشتىلەرنى توقۇيدىكەن، ئېرى ئۇنى بازارغا ئاپىرىپ ساتىدىكەن. پەيدىن _ پەي ئۇ گىلەم توقۇشنىمۇ ئۆگىنىۋېلىپ ئاجايىپ ئۇز، جۇلالىق گىلەملەرنى توقۇپتۇ. ئېرى بۇ گىلەملەرنى سېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار كاتتا باي بولۇپ كېتىپتۇ. ئاخىر كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇرۇنقى گاداي ئۆزى ئوتۇن ئاپىرىپ ساتقان شەھەرگە پادىشاھ بوپتۇ.
بىر كۈنى گۈلەمخان دادىسىنى مېھمانغا چاقىرىپتۇ. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئېرى شاھلىق سەلتەنىتى بىلەن قىزنىڭ دادىسىنى قوبۇل قىپتۇ. بۇ ھالنى كۆرگەن شاھ ھېلىقى قۇشنىڭ سۆزىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ شاھ ئەل _ جامائەت ئالىدىدا قىزى توقۇغان گىلەمگە ئۇنىڭ نامىنى بېرىپتۇ، شۇندىن باشلاپ خوتەن گىلەملىرىنىڭ ئايرىم تۈرلىرى گۈلەمخاننىڭ نامى بىلەن «گۈلەم گىلىمى» دەپ ئاتالغانىكەن.