UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئادىتى ھەققىدىكى ئەپسانە

ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئادىتى ھەققىدىكى ئەپسانە

ئەپسانىلار بۇ ئەپسانە مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئوغۇزنامە» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى 1980 - يىل نەشرى. ئوغۇز خاقان چوڭ قۇرۇلتاي چاقىرىپتۇ. نەۋكەرلىرىنى، ئەل - جامائەتنى چاقىرىپتۇ. ئۇلار كېلىپ با مەسلىھەت ئولتۇرۇشۇپتۇ. ئوغۇز خاقان چوڭ چېدىردا ئوڭ تەرىپىگە قىرىق غۇلاچلىق ئۇزۇن بىر ياغاچنى قاداتتۇرۇپتۇ، ئۇنىڭ ئۇچىغا بىر ئالتۇن توخۇنى ئېسىپتۇ. ئۇنىڭ بىر ياغاچنى قاداتتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ ئۇچىغا بىر كۈمۈش توخۇنى ئېسىپتۇ. تۈۋىگە بىر قارا قوينى باغلاپتۇ، ئوڭ تەرەپتە بۇزۇقلار ئولتۇرۇپتۇ. سول تەرەپتە ئۈچ ئوقلار ئولتۇرۇپتۇ. قىرىق كېچە - كۈندۈز توي بوپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار