UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلار«بۈبى رابىيە مازىرى» ئەپسانىسى

«بۈبى رابىيە مازىرى» ئەپسانىسى

ئەپسانىلار بۇ ئەپسانە «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 1983 - يىل 2 - سانىدىن ئېلىندى. بۈبى رابىيە بولسا ھەزرىتى موللام (مەھمۇت قەشقەرى) نىڭ ئانىسى ئىكەن. ئۇ ھايات ۋاقتىدا خانە كەئىبىگە ھەج قىلىمەن دەپ پىيادە يولغا چىقىپتۇ. خانە كەئىبىگە ئۈچ كۈنلۈك يول قالغاندا بۈبى رابىيەنىڭ بۇ ھىممىتى خۇداغا مەقبۇل بولۇپ، خانە كەئىبىگە «سەن ئالدىغا بار» دەپ ئەمىر قىپتۇ. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن خانە كەئبە ئۆز جايىدىن تام _ تورۇسلىرى بىلەن ھاۋاغا كۆتىرىلىپ، بۈبى رابىيەنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ھاۋادا مۇئەللەق تۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۈبى رابىيەنىڭ تىلىكى ئىجاۋەت بولۇپ، يۇرتىغا بۈۋىلىك نامى بىلەن قايتىپتۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاپات بولۇپ شۇ ئورنىغا دەپنە قىلىنىپتۇ. بۇ يۇرتتا شۈكۈر باي دېگەن بىر چارۋىدار ئادەم بار ئىكەن، بىر كۈنى ماللىرىنى باققىلى ھەيدەپ ماڭسا بۈبى رابىيەنىڭ مازىرى ئالدىغا كەلگەندە، مال قەۋىرىنى ئارىلىماي، بىر تېڭى ئۇيان، بىر تېڭى بۇيان بولۇپ ئىككى بۆلەك ئايرىلىپ مېڭىپتۇ. ئەتىسى يەنە شۇنداق بوپتۇ. ئاندىن «ھە، بۇ ئۇلۇغ مازار ئىكەن. بىر تىلسىز ھايۋان چېغىدا بۇ مازارغا ھۆرمەت قىلىپ ئۇنى ئارىلاپ ئۆتمىدى» دەپ، شۈكۈر باي بۇ مازارنىڭ ئۈستىنى يېپىپ، ئەتراپىغا تام ياساپتۇ، شۇندىن باشلاپ «بۈبى رابىيە مازىرى» نىڭ ئالدىن ئۆتكەن ھەرقانداق ئادەم، ئۇلاغلىق بولسا مازارنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە ئات - ئۇلاقلىرىدىن چۈشۈپ، دۇئا - تىلاۋەت قىلىپ ئۆتىدىغان بوپتۇ. بۇ مازارنىڭ خاسىيىتىدىن بۇ يۇرت خەلقى تۇمشۇقلۇق چوقۇماي، قاناتلىق قاقماي ئەمىن ئۆتكەنىكەن.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار