UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارتاغدىن نېمە ئۈچۈن ئاۋاز چىقىدۇ؟

تاغدىن نېمە ئۈچۈن ئاۋاز چىقىدۇ؟

ئەپسانىلار يۇقىرىقى ئىزاھات بىلەن ئوخشاش. بۇرۇنقى زاماندا بىر جاڭگالدا بىر جۈپ ئەر _ خوتۇن ياشايدىكەن. كۈنلەردىن كۈن ئۆتۈپ ئۇلار بىر ئوغۇل، بىر قىز پەرزەنت كۆرۈپتۇ. بۇ بالىلار بويىغا يېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ دادىسى بىلەن ئانىسى مەسلىھەتلىشىپ، بۇلارنى بىر - بىرىگە چېتىپ قويماقچ بولۇشۇپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى ئوغلىنى تاغقا چىقىپ ئوۋلاشقا ئوۋەتىپتۇ. قىزىنى ئۆيدە قالدۇرۇپ، ئەر _ خوتۇن ئىككىسى بازارغا كېتىپتۇ. ئۇلار بازاردىن تويلۇق ئاپتۇ. قىز ئۆگزىگە قوناق يېيىپ ئولتۇرسا، ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى دەرەخقە بىر قاغا كېلىپ قونۇپتۇ. ۋە : «ئەي قىزچاق، قونىقىڭدىن بىر تال بەرسەڭ مەن ساڭا مۇھىم بىر خەۋەرنى ئېيتىپ بېرىمەن» دەپتۇ. قىز دەرھال بىر چاڭگال قوناق بېرىپتۇ. قاغا قوناقنى يەپ بولۇپ: «قىزچاق، سېنى ئاكاڭغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن داداڭ بىلەن ئاناڭ بازارغا تويلۇق ئالغىلى كەتتى» دەپتۇ. قىز بۇ ئىشقا ھەيران بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ قارىسا، دادىسى بىلەن ئانىسى خېلى كۆپ نەرسىلەرنى قولتۇقلاپ كېلىۋاتقانىكەن. قىز شۇنى كۆرۈپلا بەدەر قېچىپتۇ. قېچىپتۇ، قېچىپتۇ...ئۇسساپ ھېرىپتۇ. شۇنداق قارىسا، دادىسى بىلەن ئانىسى ئۇنى قوغلاپ كېلىۋاتقانىكەن. قىزنىڭ ماڭغۇچىلىكى قالمىغاچقا يىغلاپ تۇرۇپ تاشقا يېلىنىپ، مۇنداق مۇناجات قىپتۇ: يېرىلغىن تاش يېرىلغىن، كىرىۋالاي قوينۇڭغا. كەلگەنلەر تاپالمىسۇن، ياشاي سېنىڭ قوينۇڭدا. قىز نالىسى تاشنى ئېرىتىپتۇ. تاش يېرىلىپتۇ. قىز كىرىپ كېتىپتۇ. قىزنىڭ دادىسى بىلەن ئانىسى كېلىپ يىغلاپتۇ.، نالە قىپتۇ. لېكىن تاش يېرىلماپتۇ. ئۇلار نېمە دەپ چاقىرسا، قىزمۇ شۇنى دەپ دوراپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار قىزىنى بىر نەچچە كۈن كۈتۈپتۇ. لېكىن قىز يەنىلا چىقماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۇنى قاغاپ: «ئۆمۈر بويى تاغ ئارىسىدا دورامچىلىق قىلىپ ئۆتەرسەن» دەپ كېتىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىز تاغ ئارىسىدا قاپتۇ. ھازىرمۇ كىم تاغ ئارىسىدا توۋلىسا، ئەنە شۇ قىز ئۇنى دوراپ توۋلارمىش. تاغدىن چىقىدىغان ئەكس سادا ئەنە شۇ قىزنىڭ ئاۋازىمىش.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار