UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارقىزىل «مىڭ ئۆيى» ھەققىدىكى ئەپسانە

قىزىل «مىڭ ئۆيى» ھەققىدىكى ئەپسانە

ئەپسانىلار بۇ ئەپسانىنى كۇچار كونا شەھەردىن مەمتىمىن بايىز ئېيتىپ بەرگەن ھەمدە ئابدۇللا تالىپنىڭ «قاينام ئۆركىشى» ناملىق رومانىدىمۇ نەقىل قىلىنغان. قەدىمكى كۈسەن پادىشاھىنىڭ شېرىن ئىسىملىك بىر گۈزەل قىزى بار ئىكەن. ئۇ قىزغا سايراملىق پەرھات ئىسىملىك بىر كەمبەغەل يىگىت ئاشىق بولۇپ قاپتۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان كۈسەن پادىشاھى قىزىنى بېرىشتە مۇز تاغ باغرىدىن «مىڭ ئۆي» قېزىشنى پەرھاتقا شەرت قىپتۇ. ئاشىق يىگىت بۇ شەرتنى ماقۇل كۆرۈپ، بىستون تېغىنى يېرىپ مىڭ ئۆينى قېزىشقا باشلاپتۇ. ئۇ توققۇز يۈز توقسان توققۇز ئۆينى قېزىپ بولغاندا ماغدۇرىدىن كېتىپ قاپتۇ. شېرىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ دەرھال بۇ يەرگە يېتىپ كەپتۇ ۋە ھوشسىز ياتقان ئاشىقى پەرھاتنى قۇچاقلاپ، ئۈچ كېچە _ كۈندۈز زار يىغلاپ، ئاخىرى ئاشىقى بىلەن بىللە ئۆلۈپتۇ. پادىشاھنىڭ قەسىر - ئايۋانلىرىدا قەپەزدەك بېقىلىۋاتقان بوز تورغايلارمۇ مۇڭلىرىنى تۆكۈپ سايراشقا باشلاپتۇ. پادىشاھ شۇ چاغدا شىكاردا ئىكەن. قىزى شېرىننىڭ مۇسىبەت خەۋىرىنى ئاڭلىغانىدىن كېيىن شاھلىق تونلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، قوللىرىنى ۋە قەپەزدىكى بوز تورغايلىرىنى ئازات قىپتۇ. شۇندىن باشلاپ بۇ تورغايلار ئاشىق _ مەشۇقلار دەردىدە ھەسرەت چېكىپ، ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، پەرھاتقازغان مىڭ ئۆينىڭ ئۈستىدە مۇڭلۇق سايرىشىپ يۈرىدىكەن. كېيىنچە بۇ بىر جۈپ ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ قەۋرىسىدىن گۈل - چېچەكلەر ئۈنۈپ چىقىپ، پەرھات قازغان «مىڭ ئۆي» ئەتراپىنى قىزىل گۈلگە پۈركەپتۇ. شۇ سەۋەپلىك بۇ جاينى كىشىلەر قىزىل «مىڭ ئۆيى » دەپ ئاتاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار