UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلار«خامى گۇا» (قۇمۇل قۇغۇنى) ھەققىدە رىۋايەت

«خامى گۇا» (قۇمۇل قۇغۇنى) ھەققىدە رىۋايەت

ئەپسانىلار بۇ رىۋايەت «شىنجاڭ گېزىتى» 1980 - يىل 9 - ئىيۇل سانىدىن ئېلىندى. قۇمۇل ۋاڭلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ خانىغا بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ھەر يىلى بىر نەچچە قېتىم ئۆز تەۋەلىكىدىكى قىممەتلىك يەرلىك مەھسۇلاتلارنى «تارتۇق» قىلىش ئادىتى بار ئىكەن. بىر قېتىم تارتۇق قىلىنغان مەھسۇلاتلار ئىچىدە پىچاننىڭ داڭلىق ھون قوغۇنىمۇ بار ئىكەن. چيەنلۇڭ خان بۇ قۇغۇنلارنى تېتىپ كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇرسەن بوپتۇ ۋە يېنىدىكى ۋەزىرىدىن: «بۇ شىرنىلىك مېۋە قەيەرنىڭ مەھسۇلاتى؟» دەپ سوراپتۇ. ۋەزىر: «بۇ قۇمۇل ۋاڭ سوغا قىلغان قوغۇن» دەپ جاۋاب بېرىتۇ. شۇندا چىيەنلۇڭ خان: «ھە، خامى گۇا دېگىنە» دەپتۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ ئىچكىرىدە شىنجاڭ قوغۇنلىرىنىڭ ھەممىسى «خامى گۇا» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ، داڭقى ئالەمگە يېيىلىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار