بۇلبۇل ۋە قىزىلگۈل
ئەپسانىلار
بۇ ئەپسانە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشرىياتى نەشرقىلغان. «ئۇيغۇرخەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىرى» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.
خۇدا ئادەمنى ياراتقاندا ئۆز ئۈممەتلىرىنىڭ قۇلىقىغا نەغمە - ناۋا ئاڭلىتىش ئۈچۈن جەننەتكە كىرگەن بىر ساداقەتمەن ناخشىچىنى قۇش سۈرىتىدە ئالەمگە قويۇۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە جەننەتتىن چىققان خۇش پۇراقلىق بىر گۈلنى ئۇنىڭ ئاشىقى قىلىپ قوشۇپ بېرىتۇ. قۇشنىڭ نامى بۇلبۇل بولۇپ قىزىلگۈل ئىشقىدا كېچە - كۈندۈز مۇڭلۇق سايراپ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئاچىدىكەن. بىراق سەھەر ۋاقتىغا كەلگەندە بۇلبۇل بىھۇشلىنىپ ئۇخلاپ قالىدىكەن. «بۇلبۇل ئۇيقۇسى» تاملانغىچە قىزىلگۈل چېھرى ئېچىپ ئالەمگە خۇش پۇراق تارىتىپ بولىدىكەن. شۇنداق، قىلىپ، بۇلبۇلغا قىزىلگۈلنىڭ چېھرى ئاچقان پەيتىنى كۆرۈش نېسىپ بولمىغاچقا، جۇدالىق زارى بۇلبۇلنى تا بۈگۈنكى كۈنگىچە تىنما سايرىتىپ كەپتۇ. كىشىلەر شۇ سەۋەپتىن «بۇلبۇل - جەننەت قۇشى»، «قىزىلگۈل دېگەن بېھىشتىن چىققان نەرسە» دېيىشىپ، ئۇلارنى ئۇلۇغلايدىكەن.