ئەڭ يۇقۇرى سۈرئەتلىك يولۇچىلار لىفىتى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئاسمانغا تاقاشقۇدەك ئېگىز بىنالارنى سېلىش ئۈچۈن، ئۆي قۇرۇلمىسى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش زۆرۈر بولۇپلا قالماي بەلكى چىقىپ چۈشۈش ئۈسكۈنىلىرىنى ھەل قىلىشمۇ زۆرۈر. ئەڭ دەسلەپكى بىنالارنىڭ چىقىپ - چۈشۈش ئۈسكۈنىسى سۇ ساندۇقى بىلەن ھەركەتلەندۈرىدىغان لىفىت بولۇپ، ئادەم تۇرىدىغان لىفىت بىلەن سۇ ساندۇقى غالتەكنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئېسىلاتتى. سۇ ساندۇقىغا سۇ تولدۇرۇلغاندا، قەپەز كۆتۈرلەتتى. ئەكىسچە بولغاندا، قەپەز تۆۋەنگە چۈشەتتى. پار ماشىنىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن پارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ھەركەتلەندۈرۈلىدىغان لىفىت بىنالار ئومۇملاشتى. بىراق ئۇچاغدىكى بىنالار ئادەتتە، 10 قەۋەتتىن ئاشمايتتى. لىفىتنىڭ سۈرئىتىمۇ ناھايىتى ئاستا ئىدى. كېيىن ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە ئومۇمىي يۈزلۈك ئىشلىتىلىشى ئارقىسىدا، لىفىت ئېلېكتىرلەشتۈرۈلدى. ئۇنىڭ سۈرئىتى بۇرۇنقى پارلىفىتقا قارىغاندا زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئەسلىدىكى مىنۇتىغا نەچچە ئون مېتىردىن يۈز مېتىرغا يەتتى. 70 - يىللارنىڭ دەسلەپكى مەگىلىگە كەلگەندە، لىفىتنىڭ سۈرئىتى مىنۇتىغا 400 مىتىردىن ئاشتى. مەسىلەن: نيۇ - يوركتىكى دۇنيا سودا مەركىزىدە ئۇچاستىكىلارغا بۆلۈنگەن تېز سۈرئەتلىك 23 لىفىت بولۇپ، ھەربىرىگە 55 ئادەم سىغىدۇ. ئۇنىڭ تېزلىكى 486.5m
enقا يېتىدۇ؛ چىكاكودىكى شىرىس بىناسىنىڭ يۇقۇرى سۈرئەتلىك لىفىتى تېخىمۇ تېز بولۇپ، 548m
enقا يېتىدۇ.لېكىن ئۇلارنىڭ سۈرئىتىنى يەنىلا ئەڭ يۇقۇرى سۈرئەت دېيىشكە بولمايدۇ.
ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقۇرى سۈرئەتلىك لىفىت ياپۇنىيىنىڭ پايتەختى توكيو شەھىرىنىڭ چىدەي دېگەن يېرىدىكى ئېگىزلىكى 240 مېتىر كېلىدىغان 60 قەۋەتلىك كۈن نۇرى بىناسىنىڭ يۇقۇرى سۈرئەتلىك لىفىتى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ سۈرئىتى 60m
ek بولۇپ، يۈز مېتىرغا يۈگۈرىدىغان ئەڭ مۇنەۋۋەر تەنھەركەتچىنىڭ تېزلىكىگە باراۋەر كېلىدۇ. بۇ لىفىتنىڭ سۈرئىتى يۇقىرى بولۇشى بىلەن بىللە، ئۇنىڭدا ئادەملەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە كۆڭۈل ئازادىلىقى قاتارلىق ئامىللار تولۇق نەزەردە تۇتۇلغان. ئۇنىڭغا سىلكىنىشتىن مۇداپىئە كۆرىدىغان سايمانلار ئورنىتىلغانلىقتىن، قوزغالغان ۋە توختىغان ۋە توختىغان چاغدا يولۇچىلار قىلچىمۇ سىلكىنىمەيدۇ. لىفىت يۈرىۋاتقان چاغدا كاشىلا يۈز بەرسە، يولۇچىلار لىفىتنىڭ تېمىغا جايلاشتۇرۇلغان ئاپتۇماتىك سايمان ئارقىلىق خەتەردىن قۇتۇلىدۇ. يەر تەۋرىگەن چاغدا، لىفىت ماشىنا بۆلۈمىدىكى سېيىسمومېتىر ئادەملەرنىڭ دەرھال تارقىلىپ، خەتەردىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن كېتىۋاتقانلىقىنى كونترول قىلىپ، ئەڭ يېقىن قەۋەتتە ئاپتۇماتىك ھالدا توختىتىدۇ. (خۇاڭ ۋېيجيا)