ئەڭ چوڭ پۇرچاق دېنى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
خاسىڭ، سېرىق پۇرچاق قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر ھەممىگە تونۇش بولغان پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئائىلىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تەخمىنەن 1200 خىلدىن ئاشىدۇ. بۇ ئائىلە دۇنيادىكى چېچەكلىك ئۆسۈملۈكلەر بويىچە بەش چوڭ ئائىلىنىڭ بېرى بولۇپ، مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسى بىلەن ئورخدىيە ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەردىن قالسا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم بەلگىسى ئۇنىڭدا پۇرچاق دېنىنىڭ بولۇشىدۇر. خاسىڭ، سېرىق پۇرچاق قاتارلىقلارنىڭ دانلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى پەقەت بىر قانچە سانتىمېرلا كېلىدۇ. بىراق پۇرچاق ئائىلىسىدىكى شۇنداق بىرخىل ئۆسۈملۈك باركى، ئۇنىڭ دېنى ئادەتتىكى پۇرچاق دانلىرىدىن بىر نەچچە ئون ھەسسە چوڭ بولىدۇ. ئۇنىڭ نامى كۆزەينەك پۇرچاق (Entada phaseoloides Merr) دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇ خىل پۇرچاق ئۆسۈملۈكىنىڭ ياغاچ ماددىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىردىن ئاشىدۇ. دېنىنىڭ كەڭلىكى 12 سانتىمېتىر بولۇپ، بىر ئاز ئەگرى كېلىدۇ. ئۇ كۆپ ئۇگىلىق بولۇپ، پىشقاندا ئۇگىلىرى بىر بىرلەپ تۆكۈلىدۇ. بىر ئۇگىدا بىردىن ئۇرۇق بولىدۇ. ئۇرۇغى يۇمىلاقراق بولۇپ، دىئامېتىرى ئالتە سانتمېتىرچە كېلىدۇ. ئۇنىڭ ياپىلاقلىق دەرىجىسى يۇقۇرى بولۇپ، ئىككى ئۇرۇقنى بىر يەرگە قويسا، كۆزەينەككە ئوخشاپ كېتىدۇ. شۇڭا كىشىلەر «كۆزەينەك پۇرچاق» دەپ ئاتايدۇ.
كۆزەينەك پۇرچاق ئۆسۈملۈگى ياغاچ ماددىسى كۆپ بولغان پىلەك غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، پەيسىمان ئىككى تال مۇرەككەپ يوپۇرمىقى بولىدۇ. ئۇنىڭ چېچىكى ساغۇچ بولۇپ، خۇش پۇرايدۇ. بۇ ئۆسۈملۈك مەملىكىتىمىزدىكى يۈننەن ئۆلكىسى قاتارلىق جايلاردا ئۆسىدۇ. (نى دېشياڭ)