UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ زور ھاۋا قاتناش پورتى

ئەڭ زور ھاۋا قاتناش پورتى

دۇنيادىكى ئەڭلەر سەئۇدى ئەرەبىستانى ھازىر قىزىل دېڭىز بويىغا دۇنيا بويىچە ئەڭ زور ھاۋا قاتناش پورتى - جىددە خەلقئارا ئايروپىلان ئىستانسىسى قۇرۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ يەر كۆلىمى 103 كۋاردىرات كىلومېتىر بولۇپ، ئىلگىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ زور ھېسابلىنىپ كەلگەن ئامېرىكا داللاس ھاۋا قاتناش پورتىدىن يېرىم ھەسسىدىن كۆپرەك چوڭ، ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە يېقىندا ياسىلىپ بولغان خارىتا ھاۋا قانتاش پورتىدىن 10 ھەسسە دېگۈدەك چوڭ. جىددە ھاۋا قاتناش پورتىغا سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ ئۈچۈن 4 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، دۇنيادىكى چوڭ ئايروپىلان ئىستانسىلىرىغا سېلىنغان مەبلەغدىن كۆپ ئېشىپ چۈشىدۇ. جىددە ئاران 400 مىڭ ئاھالىسى بار بىر شەھەر بولۇپ، ئەتراپىنى بىپايان قۇملۇق ۋە يايلاق ئوراپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداق زور ھاۋا قاتناش پورتى ياسىلىدۇ؟ ئەسلىدە جىددىنىڭ ئەتراپىدا ئىسلام دىنىنىڭ ئىككى مۇقەددەس يېرى بار، شەھەرنىڭ 60 كىلومېتىر شەرقىدە مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان يېرى مەككە شەھىرى بار؛ شەھەرنىڭ 320 كىلومېتىر شىمالىدا مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ قەبرىسى بار مەدىنە شەھىرى بار. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار مۇشۇ ئىككى جاينى تاۋاب قىلىشنى ئۆز ھاياتىدىكى ئەڭ زور ئارزۇسى ۋە ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى دەپ بىلىدۇ. يېقىنقى يىللارىدىن بۇيان ھەج قىلىدىغانلارنىڭ سانى ھەريىلى بىر مىليون كىشىدىن ئېشىپ كەتتى. بۇلارنىڭ كۆپى ئايروپىلان بىلەن كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە 40% كۆپرەكى نويابىر بىلەن ئۆكتەبرگە مەركەزلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دەسلەپكى جىددە ئايروپىلان ئىستانسىسى ناھايىتى تىقما - تىقما بولۇپ كەتكەن ئىدى. شۇڭا بۇنىڭدىن 16 يىل ئىلگىرى جىددىدە يېڭى ئايروپىلان ئىستانسىسى قۇرۇش كۆزدە تۇتۇلغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىگىلىكىنىڭ ئۇچقاندەك راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، بۇ يېڭى ئايروپىلان ئىستانسىسىنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى كېڭەيدى. يېڭى ھاۋا قاتناش پورتىنىڭ قۇرۇلۇشى 1975 - يىلى رەسمىي باشلاندى. ئۇ جىددە شەھىرىنىڭ 25 كىلومېتىر شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، مەدىنىگە بارىدىغان يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاش يولغا ياندىشىپ تۇرىدۇ. بىرىنچى باسقۇچتىكى قۇرۇلۇش 1979 - يىلى سېنتەبىردە پايدىلىنىشقا تاپشۇرۇلدى. بۇ قۇرۇلۇش ئۇزۇنلۇقى 3300 مېتىر ۋە 3800 مېتىر كېلىدىغان ئىككى ئۇچۇش ۋە چۈشۈش يولىنى، ئېگىزلىكى 45 مېتىر كېلىدىغان مەركىزىي كونترول مۇنارىنى، ئايروپىلان توختاش ئورۇنلىرىدىن تۆتنى ۋە بىرىنچى نۇمۇرلۇق كۈتۈش بىناسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ بىنا ھەشەمەتلىك تۆت تەرەپلىك قۇرۇلۇش بولۇپ، بىنانىڭ ئۆگىزىسى خۇددى چۆللۈكتىكى كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ چېدىرىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇ قويۇق ئەرەپ مىللىي ئۇسلۇبىغا ئىگە. بىنانىڭ ئىچىگە ئاق مەرمەر تاش ياتقۇزۇلغان ھەمدە شۇ يەرنىڭ ئىسسىق قۇرغاق چۆل ھاۋاسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ھاۋا تەڭشەش ئۈسكىنىسى ئورنىتىلغان. بىرىنىچ باسقۇچلۇق قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، كۈنىگە 16 مىڭ يۇلۇچى كۈتۈۋېلىنىدىغان بولدى. كېيىنكى قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈشى ئۈچۈن يەنە بەش يىللىق ۋاقىت مۆلچەرلەنگەن. ئۇ يەردە سۇ كەمچىل بولغانلىقتىن، ھاۋا قانتاش پورتىغا ئىشلىتىلىدىغان سۇنى قىزىل دېڭىز بويىچىدىكى دېڭىز سۈيىنى تاتلىق سۇغا ئايلاندۇرۇش زاۋۇتى تەمىنلەيدۇ. بۇ زاۋۇت كۈنىگە 25 مىڭ توننا تاتلىق سۇ ئىشلەپ چىقىرىدۇ. (جاڭ شەنيۈ)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ زور ھاۋا قاتناش پورتى | UyghurWiki | UyghurWiki