ئەڭ دەسلەپكى ئەقلىي يەكۈن ئاساسىدىكى ھېكايە
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئەقلىي يەكۈن ئاساسىدىكى ھېكايىنىڭ ۋەقەلىكى ئەگىر يوللار بىلەن بايان قىلىنىپ، كىشىنى جەلپ قىلىدۇ. بۇنداق ھېكايىنى ئوقۇشقا ئادەتتىكى كىشىلەرلا قىزىقىپ قالماستىن، ھەتتا زور ئالىملارمۇ قىزىقىدۇ. ئېينىشتېين «فىزىكىنىڭ تەرەققى قىلىپ بېرىشى» دېگەن كىتابىدا «ھولمېسىنىڭ دېلو رازۋېت قىلىشى» نى تىلغا ئالغان.
«ھولمېسنىڭ دېلو رازۋېت قىلىشى » ئەنگىليە يازغۇچىسى كونان - دويلىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى بولۇپ، پۈتۈن دۇنياغا داڭقى كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەڭ دەسلەپكى ئەقىلىي يەكۈن ئاساسىدىكى ھېكايە ھېسابلانمايدۇ. كونان - دويلدىنمۇ ئىلگىرى ئۆتكەن ئامېرىكا شائىرى، يازغۇچىسى، مۇخبىرى ئېدگار ئېرېن پو يازغان ئەقلىي يەكۈن ئاساسىدىكى ھىكايىلەر ئارىسىدا مەشھۇرلىرى «قارا مۈشۈك » ، «مور كوچىسىدىكى قاتىللىق ئەنزىسى » قاتارلىقلارنى كۆپچىلىك قەدىرلەيدۇ. بۇلار 19 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدىكى ئەسەرلەردۇر. لېكىن ياپونىيىنىڭ ئەقىلىي يەكۈن ئاساسىدىكى ھېكايە يازغۇچىلىرى جۇڭگودىكى «باۋگۇڭ بىر تەرەپ قىلغان ئەنزىلەر» نى ئەڭ دەسلەپتە ئەقلىي يەكۈن ئاساسىدىكى ھېكايە دەپ قارايدۇ.
تارىختا ھەقىقەتەنمۇ باۋگۇڭ دېگەن كىشى ئۆتكەن، لېكىن ئۇ ئەدىبىي جەھەتتىن تەسۋىرلىنىپ ۋە مۇبالىغە قىلىنىپ، رىۋايەتتىكى شەخسكە ئايلىنىپ قالغان. يۈەن دىراممىلىرىدا نۇرغۇن ئەسەرلەر، مەسىلەن: «باۋگۇڭنىڭ پەم بىلەن لۇزەيلاڭنىڭ كاللىسىنى ئېلىشى»، «باۋدەيجىنىڭ چېنجۇدا گۈرۈچ سېتىشى » قاتارلىقلار بارا - بارا ھېكايىگە ئاڭلانغان. «باۋگۇڭ بىر تەرەپ قىلغان ئەنزىلەر» نىڭ تولۇق ئاتىلىشى «رەسىملەر بىلەن كۆرسىتىلگەن باۋلۇڭتۇنىڭ يۈز ئەنزىنى بىر تەرەپ قىلىشى» بولۇپ، قىسقارتىلىپ «لۇڭتۇ بىر تەرەپ قىلغان ئەنزىلەر » دەپ ئاتىلىدۇ. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ۋەنلى يىللىرى (تەخمىنەن 1573 - 1619 - يىللىرى ) دىكى نەشىرگە 100 ھېكايە كىرگۈزۈلگەن، بۇنىڭغا تاڭ شىيەنزۇ، لى جۇۋا قاتارلىق زور ئەدىبلەر بېغىشلىما يازغان. كېيىن چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى يالاڭ تارىلىق مۇزىكا سەنئەتكارى شى يۈيكۈن مۇشۇ ھېكايىلەرنى كۈيلەپ جەمئىيەتتە ناھايىتى زور تەسىر قوزغىغان. بۇنىڭدىكى نۇرغۇن ھېكايىلەر «يەتتە پالۋان، بەش پىداكار» دېگەن ھېكايىنىڭ ئاساسلىنىدىغان نۇسخىسى قىلىنغان.
«لۇڭتۇ بىر تەرەپ قىلغان ئەنزىلەر» ئىچىدىكى نۇرغۇن ھېكايىلەرنىڭ مەسىلەن: «سامگارامانى تەكشۈرۈش» «ئامىتابا بۇددانىڭ ياراشتۇرۇشى »، «كىيىم ئارىيەت ئېلىش» قاتارلىقلارنىڭ ۋەقەلىكى ئەگرى يوللار بىلەن غەلىتە بايان قىلىنغان. بۇلاردا بىر ئاز فېئوداللىق قالدۇقلار بولسىمۇ، لېكىن بۇلاردىن يەنىلا باۋگۇڭنىڭ گۇمانلىق ئەنزىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئاساسلىقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تايانغانلىقى لوگىكىلىق ئەقىلىي يەكۈن چىقىرىشقا ئاساسلانغانلىقى، ئېغىز ئىقرارىغا ئاسانلا ئىشىنىپ كەتمەي دەلىل - ئىسپاتقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرىمىز، بۇلارنى ئەينەك قىلىشقا بولىدۇ. بۇنىڭدىن 4000 نەچچە يىل بۇرۇن مۇشۇنداق ئەقلىي يەكۈن ئاساسىدىكى ھېكايىلەرنى يېزىپ چىقىش ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. ( تەن شياڭبو)