ئەڭ زور مەرۋايىت
دۇنيادىكى ئەڭلەر
مەرۋايىت يالتىراپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇ قەدىمدىن بۇيان كىشىلەر تەرىپىدىن قەدىرلىنىپ كەلمەكتە. ئۇ قىممەتلىك زىننەت بۇيۇمى، شۇنداقلا جۇڭگو تىبابەتچىلىكىدە قىممەتلىك دورا ماتىريالى ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى ۋاقىتتا ئۇ ئېسىل پەرداز بويۇملىرىنىڭ تەكىۋىگىمۇ ئارىلاشتۇرىلىدۇ.
مەرۋايىت قانچىكى چوڭ بولسا، ئۇ شۇنچە ئاز ئۇچرايدۇ. شۇنچە قەدىرلىك سانىلىدۇ. ئادەتتىكى مەرۋايىتلارنىڭ دىئامېتىرى بىر سانتىمېتىردىن ئاشمايدۇ. كىچىكلىرىنىڭ چوڭلۇقى تېرىقچىلىق كېلىدۇ. يالتىراپ تۇرىدىغان چوڭ مەرۋايىتنى تاپماق تەس. سوۋىت ئىتىپاقىدا ئېغىرلىقى 5.6 گىرام كېلىدىغان بىردانە ئىستاندارت يۇمۇلاق مەرۋايىت بار، بۇ مەرۋايىت قىممەتلىك بويۇم سانىلىپ، مۇزىيدا ساقلىنىپ كەلمەكتە. لېكىن بۇ مەرۋايىت ئەنگىلىيىنىڭ لوندون شەھرىدىكى مۇزىيغا قويۇلغان چوڭ مەرۋايىتقا قارىغاندا خېلىلا كىچىك. ئەنگىلىيە مۇزىيىغا قويۇلغان مەرۋايىت ئالتۇن تاجغا ئورنىتىلغان چوڭ مەرۋايىت بولۇپ ، ئېغىرلىقى 85 گىرام كېلىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇ ھازىرقى ۋاقىتتا دۇنيا بويىچە ئەڭ زور مەرۋايىت ھېسابلانمايدۇ. 1934 - يىلى 7 - ئايدا فىلىپپىىندىكى بىنبا راۋان قولتۇقىدىن تۇتۇۋېلىنغان كاتتا قۇلۇلىدىن ئېغىرلىقى 6350 گىرام، رادىئۇسى 13.97 سانتىمېتىر كېلىدىغان بىر دانە زور مەرۋايىت تېپىلغان. بۇ مەرۋايىت ئەڭ زور مەرۋايىت بولۇپ، «ئاتا مەرۋايىت» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ مەرۋايىت ھازىرقى سان - فرانسىسكو بانكىسىنىڭ غەزنىسىدە ساقلانماقتا. بۇ مەرۋايىت 1936 - يىلدىن بېرى كوبېرنىڭ مۈلكى بولۇپ قالدى. ئۇ تۆت مىلىيون سەكسەن مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يارايدۇ. مۇنداق چوڭ مەرۋايىت ئاسانلىقچە ئۇچرىمايدۇ.
مەرۋايىتنىڭ تەركىبىدە ئورگانىڭ ماددا بار، شۇڭا ئۇنىڭ ئۆمرى چەكلىك بولىدۇ. ئۇ ياش ۋاقتىدا يالتىراق ۋە يۇمران كېلىدۇ، ۋاقتىنىڭ ئۆتۈشىگە بىلەن ياكى ناچار شارائىتقا ئۇچرىغاندا (مەسىلەن، ئوتقا قاقلانسا، زەي يەردە تۇرۇپ قالسا)ھۆسىنىنى يوقىتىپ، كۈنۈكلىشىپ قالىدۇ. ئاخىرىدا ئۇۋىلىپ كېتىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بىر تال مەرۋايىت يۈز يىلدىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرىدىكەن. شۇڭا قەدىمكى زاماندا توپلانغان مەرۋايىتلاردىن بىرەرسىمۇ ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ قالمىغان.
مەرۋايىت مەرۋايىت قۇلۇلىسىدىن چىقىدۇ. مەرۋايىت قۇلۇلىسى قېپى پەردىسىنىڭ سىرتقى تېرىسى تاشقى نەرسىلەر تەرىپىدىن غىدىقلانسا، شۇ يەرنىڭ ھۈجەيرىلىرى ئىنتايىن تېز ئۆسۈپ، تاشقى نەرسىنى ئورىۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەرۋايىت خالتىسى قۇلۇلىلىرى مەرۋايىت ھاسىل قىلىدۇ. تاتلىق سۇدىكى دەريا سەدەپ قۇلۇلىسىمۇ مەرۋايىت ھاسىل قىلالايدۇ. مەملىكىتىمىز مەرۋايىت ئېلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا ئۇزاق تارىخقا ئىگە. داڭلىق خېپۇ مەرۋايىتنى ئېلىش ئىشى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە باشلانغان، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، مەرۋايىت قۇلۇلىسىنى بېقىش ئۇسۇلى ئىختىرا قىلىنغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، تاتلىق سۇدا مەرۋايىت قۇلۇلىسى بېقىپ كۆپەيتىش بارلىققا كەلگەن. مەملىكىتىمىزدە ھازىر مەرۋايىت قۇلۇلىسىنى دېڭىز سۈيى ۋە تاتلىق سۇدا بېقىپ كۆپەيتىش كۆلىمى بارغانسېرى كېڭىيىۋاتىدۇ. مەھسۇلاتمۇ بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ. سۈپىتى بارغانسېرى ئۆسۈۋاتىدۇ. (جاڭ مەنخۇڭ)