ئەڭ كىچىك مۇخ ئۆسۈملۈكلىرى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
زەيلىكتىكى دەرەخ غوللىرى ۋە تاش ئۈستىدە غۇژمەك ئۆسىدىغان ياپ - يېشىل مۇخلار كىشىلەرنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى ئانچە قوزغىمايدۇ. بۇنداق بولۇشنى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، چۈنكى مۇخلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، تارقىلىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ماسلىشىشچان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى پەقەت مىكروسكوپنىڭ ياردىمى بىلەنلا ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسىدىكى ئەڭ كىچىك ئۆسۈملۈكلەر دەپ ئاتىلىدۇ.
مۇخلار يەر شارىدا ئەڭ بۇرۇن پەيدا بولغان تۆرەلمىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىلتىزى، غولى ۋە يوپۇرمىقى بىر قاتار ياكى بىر قەۋەت ھۈجەيرىلەردىن تەركىب تاپقان. ئۇلار ھەرجەھەتتىن سېستىمىلىق يېتىلگەن ئىپتىدائىي تامغا بېسىلغان. ئۇلار دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىغا قەدەم باسقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار تۇغما ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن قاۋۇل ۋە كۈچلۈك گەۋدىگە ئىگە بولالمىغان. ئۇلار باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بىچارە مەغلۇبىيەتچىگە ئايلىنىپ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەدرىجى تەرەققىياتىدا «شىرەم تۇققان» بولۇپ قالغان، شۇڭا ئۇلار ھەرقانچە جان تىكىپ ئۆسسىمۇ يەنىلا يۇغىنالمايدۇ. مۇخلارنىڭ ئەڭ كىچىك ئەزاسى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى خالتا مېۋىلىك مۇخ (Sphaerocarpus) بولۇپ، ئۇنىڭ گەۋدىسى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، دىئامېتىرى ئادەتتە بىر مىللىيمېتىرغا يەتمەيدۇ. ئاتىلىق تۈپ ئانىلىق تۈپتىن تېخىمۇ كىچىك (يۇقۇرىدىكى رەسىمدە چوڭايتىپ كۆرسىتىلگەن). شۇڭا بۇلارنى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدىكى ئەڭ كىچىك ئۆسۈملۈكلەردىنمۇ كىچىك دېيىشكە بولىدۇ. (گاۋسەيخۇا)