UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ دەسلەپكى رادىئو ئالاقىسى ئاپپاراتى

ئەڭ دەسلەپكى رادىئو ئالاقىسى ئاپپاراتى

دۇنيادىكى ئەڭلەر ئېرستېد 1820 - يىلى مەشھۇر ئېرستېد تەجرىبىسى ئېلان قىلىپ، توكنىڭ ماگنىت ھاسىل قىلالىشىدەك فىزىكىلىق ھادىسىنى تۇنجى قېتىم ئېچىپ بەردى. فارادېي 1831 - يىلى مۇشۇ ئاساستا ئېلېكتر ماگنىت ئىندۇكسىيىسى قانۇنىنى كەشپ قىلدى. 1873 - يىلىغا كەلگەندە، ماكسۋېل ئېلېكتر ماگنىت مەيدانى نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنىڭ بەزى تۈپ خۇسۇسىيەتلىرىنى بايان قىلدى. گېرتس 1888 - يىلى ئۆتكۈزگۈچ سىمدا يۇقىرى چاستوتىلىق تەۋرىنىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ھاسىل قىلدى ۋە ئۆتكۈزگۈچ سىم ئەتراپىدا ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلىدى. بۇلار رادىئو ئالاقىسىنى كەشپ قىلىشقا پۇختا ئاساس سالدى. گېرتسنىڭ تەجرىبىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، كىشىلەردە ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىدىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر ئۇزىتىدىغان رادىئو ئاپپاراتىنى ياساش ئىدىيىسى پەيدا بولدى ھەمدە بۇ ھەقتە نۇرغۇن تەجرىبىلەر ئىشلەنگەن بولسىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى. 1895 - يىلى 7 - مايدا ئالېكساندىر ستېپانوۋىچ پوپوۋ روسىيە فىزىكا - خىمىيە جەمئىيىتىنىڭ يىغىنىدا ئۆزى كەشپ قىلغان «چاقماق كۆرسەتكۈچ» ناملىق رادىئو قوبۇللىغۇچنى تۇنجى قېتىم ئوچۇق تەجرىبە قىلىپ كۆرسەتتى. ئىككىنچى يىلى شۇ جەمئىيەتنىڭ يىغىنىدا يەنە 250 مېتىر ئارىلىقتا رادىئو ئالاقىسى ئىشلەپ كۆرسەتتى. ئاقىدىنلا، ئىتالىيە ئالىمى ماركونى رادىئو ئالاقىسىنى ئەمەلىي قوللاندى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن مەنپەئەتدارلىق ھوقۇقى تەلەپ قىلىپ ئىلتىماس يازدى. پوپوۋ كەشپ قىلغان ئۇچقۇنلۇق تېلېگراف دۇنيا بويىچە ئەڭ دەسلەپكى رادىئو ئالاقىسى ئاپپاراتى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدا نۇرغۇن كەمچىللىكلەر بولسىمۇ، ناھايىتى كەڭ چاستوتا بەلبېغى دائىرىسىدە ئېلېكتر ماگنىتلىق تەۋرىنىش ھاسىل قىلالمىسىمۇ، تارقاتقان سىگنالى ناھايىتى ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن ئۇ رادىئو تېخنىكىسىنىڭ يېڭى دەۋرىى ئاچتى. ئۇ ناھايىتى چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ خىل تېلېگراف مۇشۇ ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىغىچە ئىشلىتىلىپ، ئېلېكترون لامپا قوللىنىلغاندىن كېيىنلا ئۆز ئورنىنى بوشاتتى.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ