UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ ئۇزۇن كىلاسسىك سىمفونىيە

ئەڭ ئۇزۇن كىلاسسىك سىمفونىيە

دۇنيادىكى ئەڭلەر ئاۋستىرىيە مۇزىكانتى مالېر (1860 - 1911) ئىشلىگەن «3 - سىمفونىيە Dخەلق غەزەللىرى» كىلاسسىك سىمفونىيىلەر ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇن سىمفونىيە ھېسابلىنىدۇ. بۇ سىمفونىيە 1895 - يىلى بىلەن 1896 - يىلى يازدا ئىجات قىلىنغان بولۇپ، ماللېر بۇنى «غەلىتە نەرسە» دەپ ئاتىغان. چۈنكى بۇ ئەسەر ، بىرىنچىدىن: ئاجايىپ ئۇزۇن ئەسەر بولۇپ، 1 - بابىلا 45 مىنۇت داۋام قىلىدۇ. ئۇ بېتخوۋېننىڭ 5 - سىمفونىيىسىنىڭ پۈتۈن قىسمىدىن خېلىلا ئېشىپ چۈشىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ھېسيات جەھەتتىنمۇ ئالاھىدە سېلىشتۇرما بولالايدۇ. يالغۇز مۇشۇ ئىككى جەھەتتىن ئالغاندىمۇ، ئۇ «غەلىتە نەرسە» بولۇشقا مۇناسىپ. ماللېرنىڭ 3 - سىمفونىيىسى جەمى ئالتە بابقا بۆلۈنۈپ، «تۆت بابلىق» قائىدىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. ئۇنىڭ بىرىنچى بابى پۈتۈن سىمفونىيىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى، قالغان بەش بابى ئىككىنچى باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. تۆتىنچى بابتا بىر ئايالنىڭ پەس ئاۋازلىق يالغۇز كىشىلىك ناخشىسى بار؛ بەشىنچى بابى بالىلار خورى بىلەن باشلىنىدۇ. بالىلار ئاۋازى خۇشال - خۇرام جاراڭلىق چىقىدۇ، ئارقىدىنلا ئاياللار خورى باشلىنىپ، «ئازاب - ئوقۇبەت چەككەن بالىلارنىڭ تىلەمچىلىك غەزىلى» ئېيتىلىدۇ. ئالتە باب جەمئىي بىر سائەت 34 مىنۇت داۋام قىلىدۇ. مالېر تۆۋەن مەرتىۋىلىك ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ مۇزىكا ساھەسىدە يۇقۇرى سەۋىيىگە ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن ۋېنا دۆلەتلىك ئوپىراسىنىڭ دىرىژورى بولغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھېسياتچان بولغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر تەرىپىدىن بىر مەھەل ئانچە قوبۇل قىلىنمىغان. لېكىن ئۇ ئۆلۈپ ئۇزاق ئۆتمەي پۈتۈن دۇنياغا تونۇلغان. ئۇنىڭ مۇزىكا ئەسەرلىرى 19 ئەسىر بىلەن 20 - ئەسىرنىڭ ئارىلىقىدا ئالدىنقىلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش مەۋقەئىدە تۇرغان. (جيەن مىڭ)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ ئۇزۇن كىلاسسىك سىمفونىيە | UyghurWiki | UyghurWiki