ئەڭ چوڭ ماگىزىن
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئامېرىكىنىڭ نيو - يورك شەھرى بروئادۋاي كوچىسى بىلەن 34 - نومۇرلۇق چوڭ كوچىنىڭ دوقمۇشىدىكى ر. خ. مېيسى شىركىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ماگىزىن بولۇپ، كۆلىمى 20.3 گېكتار كېلىدىغان بۇ ماگىزىندا 11 مىڭ خىزمەتچى ئىشلەيدۇ، 400 مىڭ خىل مال سېتىلىدۇ. 1976 - يىلى بۇ شىركەت ۋە ئۇنىڭ بارلىق شۆبە شىركەتلىرى جەمئىي بىر مىليارد 660 مىليون 684 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا سودا قىلغان. بۇ شىركەتنىڭ قۇرۇغۇچىسى مېيسى 1858 - يىلى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى 6 - چوڭ كوچىدا غەلىتە نەرسە - كېرەكلەر ساتىدىغان كىچىك بىر ماگىزىن ئېچىپ، تىجارەت باشلىغان كۈنى ئاران 11.06 ئامېرىكا دوللىرىغا سودا قىلغان ئىكەن.