ئەڭ چوڭ - يادرو قوراللىرى ئىسكىلاتى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
1970 - يىلى، ئامېرىكىنىڭ 1,054 دانە قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بولغان، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1972 - يىلى 1,530 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبسى بولۇپ، ئامېرىكىدىن ئېشىپ كەتكەن.
1971 - يىلى ئامېرىكىنىڭ 656 دانە سۇ ئاستى پاراخوتىدىن قويۇپ بېرىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بولغان. سوۋېت ئىتتىپاقى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 494 دانىسى بولغان.
مۆلچەرلىنىشىچە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قورال - ياراغ ئىسكىلاتىدا 2,100 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1,530 دانىسى قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىكەن.
ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ دوكلاتىدا ئېلان قىلىنمىغان، پىلانغا كىرگۈزۈلگەن يەنە بىر خىل پارتلاتقۇچ بومبا بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، <مەھشەر كۈنى> دەپ ئاتىلىدىغان بۇ كوبالىت بومبىسىنىڭ كۈچى، بىز بىلىدىغان ھەر قانداق يادرو قوراللىرىدىن ئېشىپ چۈشىكەن. 50 مىليارد توننىلىق بىر دانە كوبالىت بومبىسى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى يوقىتىۋېتەلەيدىكەن. ئادەملەر ئىنتايىن چوڭقۇر يەر ئاستى ھاۋا مۇداپىئە ئاكوپلىرىدىن چىقماي 5 يىل تۇرغاندىلا ئاندىن ھايات قالالايدىكەن.